تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللار بېلىق يېگەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

  كۆپىنچە خانىم-قىزلار بېلىق يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بېلىق تەركىبىدە ئاقسىل ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ماي تەركىبى تۆۋەن، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، يەنە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بېلىق يېيىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى بۇلا ئەمەس، لېكىن ھازىر مۇھىت ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا ئەگىشىپ، بېلىق تېنىدە ئېغىر مېتاللار يېغىلىپ قالماقتا، بۇنداق بېلىقلارنى يېگەندە ئاساسىي نېرۋا سىستېمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، سۆزلەش ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بېلىق گۆشى يېگەندە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

   بېلىق گۆشىنىڭ بەش چوڭ پايدىسى

  سۈت بېزى راكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ

  تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بېلىق تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتا ۋە Omega-3 ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، بۇلار راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەيدۇ. ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم بېلىق گۆشى يېگەندە، سۈت بېزى راكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

  ھامىلىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

  ھامىلىدار ئاياللار ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بېلىق يەپ بەرسە، ھامىلىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇش نىسبىتى ئاران %1.9 بولىدۇ، ئەزەلدىن بېلىق يېمەيدىغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بولسا %7.1 بولىدۇ. بېلىق تەركىبىدىكى Omega-3 ياغ كىسلاتاسى ھامىلىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشى ۋە ھامىلە ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  سەكتىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

  تەتقىقاتچىلار 34 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان80 مىڭ ئايالغا قارىتا 14 يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە بەش قېتىم بېلىق گۆشى يېگەن ئاياللارنىڭ سەكتە بولۇش نىسبىتى %52 تۆۋەنلىگەن.

  دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

  تەتقىقاتچىلار بېلىقنى كۆپ يېگەن دىيابېت كېسىلى بار ئاياللارنىڭ 16 يىل ئىچىدە يۈرەك كېسىلى يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بېلىقنى ئاز يېگەن ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، ھەر ھەپتىدە بەش قېتىمدىن ئارتۇق بېلىق گۆشى يېگەندە دىيابېت بىمارلىرىنىڭ يۈرەك كېسىلى پەيدا بولۇش نىسبىتىنى %64 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

  ھەيزنىڭ ئاغرىتىپ كېلىشىنى پەسەيتىدۇ

  ھەر كۈنى ئىككى گىرام بېلىق مېيى يەپ، ئۈچ ئاي داۋاملاشتۇرغاندا ھەيزنىڭ ئاغرىتىپ كېلىشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

  بېلىقنىڭ ئالتە يېرىنى يېمەسلىك كېرەك

  بېلىق ئۆتى

  بېلىق ئۆتىدە زەھەر بار، كۆك بېلىق، ئاق ئامۇر بېلىقى، كۈمۈش رەڭ كارپ بېلىقى، ئوكۇن بېلىقى، سازان بېلىقى قاتارلىق تاتلىق سۇ بېلىقلىرىنىڭ ئۆت تەركىبىدە كۈچلۈك زەھەر سۇيۇقلۇقى بار. شۇڭا بېلىقنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى تازىلىغان ۋاقىتتا بېلىق ئۆتىنى چوقۇم ئېلىۋېتىش كېرەك.

  بېلىق بېشى

  «بېلىق بېشىنى يېگەندە مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ» دېگەن گەپ بار، ئەمەلىيەتتە بۇ قاراش ئىشەنچسىز بولۇپ، بېلىق بېشىنى ئەڭ ياخشىسى ئاز يېيىش كېرەك، بېلىق بېشىغا ئېغىر مېتاللار ئاسان يىغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، بالىلارغا ئۇزۇن مۇددەت يېگۈزمەسلىك كېرەك.

  بېلىق تېرىسى

  بېلىقنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بېلىق تېرىسىدىكى سىماب مىقدارىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، 400 گىرام تاپان بېلىق تېرىسىدىكى سىماب مىقدارى 200 گىرامدىن تۆۋەن بولغان تاپان بېلىققا قارىغاندا بەش ھەسسە كۆپ بولىدۇ . بېلىق تېرىسى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار مۇۋاپىق مىقداردا يېيىشى كېرەك.

  بېلىق قارا پەردىسى

  كۆپ ساندىكى بېلىقنىڭ قورساق ئىچى ئىككى يېنىدا بىر قەۋەت قارا پەردە بار، بۇ پەردە بېلىق تېنىدىكى ئەڭ سېسىق، لاي پۇرىقى بىرقەدەر كۈچلۈك قىسىمى بولۇپ، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا گىستامىن، ياغسىمان ماددا ۋە لىزوزىما قاتارلىق ماددىلار بار . گىستامىننى ئىستېمال قىلغاندا باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، كۆكرەك سىقىلىش، قۇسۇش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. لىزوزىما بولسا ئىشتىھانى تىزگىنلەپ قويىدۇ.

  بېلىق تۇخۇمى

  بېلىق تۇخۇمى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا لېتسىتىن بولۇپ، بۇنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە ياردىمى بار، لېكىن كۆپ يېگەندە سەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە خولېستېرىن بولغاچقا، بۇنى يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، بولۇپمۇ ياشانغانلار چوقۇم ئاز يېيىشى كېرەك. بەزى بېلىق تۇخۇمىنى يېيىشكە بولمايدۇ، مەسىلەن: توقماق بېلىق تۇخۇمىدا زەھەرلىك ماددا بار، يېگەندە قۇسۇش، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  بېلىق قىلتىرىقى

  بەزىلەر بېلىق قىلتىرىقى تەركىبىدە كالتسىي مول، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ بېلىق قىلتىرىقى تەركىبىدە كالتسىي كۆپ، ئەمما ئادەم بەدىنىنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىشى چەكلىك بولۇپ، كالتسىي تولۇقلاشتا ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ. بېلىق قىلتىرىقى يېگەندە، گالدا تۇرۇپ قالسا ھاياتقا خەۋپ ئېلىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا يېگەندە دىققەت قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى