تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «دەرىجىدىن تاشقىرى باتارېيە»نى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى

  جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۇقىرى مولىكۇلا ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتى يېقىندا يېڭى تىپتىكى ئاليۇمىن - گرافىت ئالكېن باتارېيەنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ خىل باتارىيە تېمپېراتۇرا قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپلا قالماستىن يەنە يۇقىرى ئۈنۈملۈك زەرەتلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن، بۇ خىل باتارېيەلىك يانفوننى بەش سېكۇنت زەرەتلەش ئارقىلىق ئىككى سائەت سۆزلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىر بۇ يېڭىچە باتارېيەنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش يەنىلا تەجرىبە باسقۇچىدا بولۇپ، بازارغا سېلىش ئۈچۈن يەنە كۆپ خىل تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.

  تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەگەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونغا بۇ خىل باتارېيەنى ئىشلەتكەندە ھەر كۈنى 10 قېتىم زەرەتلىسىمۇ، 70 يىلغا يېقىن ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. ئەگەر كەلگۈسىدە بۇ خىل يېڭى تىپتىكى باتارېيە يانفونغا ئىشلىتىلسە بەش سېكۇنت زەرەتلەش ئارقىلىق ئىككى سائەت سۆزلىشىش رىياللىققا ئايلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى