يېقىندا ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر تاماملىغان بىر تۈرلۈك مەخسۇس تەتقىقاتتىن مۇنداق يەكۈن چىقتى: «50 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان 35 مىڭدىن كۆپ ئايالنى ئون يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، بالىياتقۇ ئىچكى يەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان %75 ئايالنىڭ 55 ياشتىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش داۋامىدا ئېرىشكەن نەتىجىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن ئېرىشكەن نەتىجىدىن ئايانكى، 50 ياشتىن ھالقىغان ئاياللارنىڭ يېشى قانچە بولۇشى ياكى بەدەن ئېغىرلىقى قانچىلىك بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتسە، ئۇلارنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى %29 ئۆرلەپ كېتىدىكەن، شۇڭا بۇ ياش باسقۇچىدا تۇيۇقسىز ئورۇقلاپ كەتكەن ئاياللار چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ بالىياتقۇسىنى تەكشۈرۈتكىنى تۈزۈك».
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى