تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   ئاجايىپ-غارايىپ

شاپائەتچىسىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن تىيىن

    يەر شارى تورى خەۋىرى: 2017-يىلى 27-دېكابىر خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىدىكى تەبىئەتكە قويۇۋېتىلگەن بىر كىچىك تىيىن 8 يىلدىن بۇيان ھەر كۈنى ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قالغان شاپائەتچىسىنى «يوقلاپ» تۇرغان. ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولغان بىرانتلىي خارىسون 2009-يىلى يارىلانغان كىچىك تىيىننى بايقاپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇ تىيىننى باشقا ئۈچ تىيىن بىلەن بىللە كۆڭۈل قويۇپ باققان. نەچچە ئايدىن كېيىن، بىرانتلىي بۇ تىيىنلارنى تەبىئەتتە قويۇپ بەرگەن ھەمدە بۇ تىيىنلارنى ئەمدى كۆرەلمەيمەن، دەپ ئويلىغان ئىدى. ھەيران قالارلىقى شۇكى، ھېلىقى يارىلانغان كىچىك تىيىن ھەر كۈنى كېلىپ بۇ ئائىلىنى «يوقلاپ» تۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى