تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

خىزمەتتىكى ئاياللار قانداق نەرسە يېسە ئاسان سەمىرمەيدۇ

ئاياللار ئۇششاق يېمەكلىك يەپ سەمرىپ كېتىشتىن قورقىدۇ،  ئۇنداقتا قايسى يېمەكلىكلەرنى يېگەندە سەمىرىپ كەتمەيدۇ ھەم ھۆسۈن گۈزەللەشتۇرىدۇ؟
كاۋا ئۇرۇقى

  كاۋا ئۇرۇقى تەركىبىدىكى فوسفور، كاروتىن، ۋىتامىن E بولسا چىش مىلىكى ۋە چىش ئوقۇر سۆڭىكىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، چىش مىلىكى يىگىلەپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كاۋا ئۇرۇقى تەركىبىدە يەنە مول بولغان تۆمۈر، سىنك، ماگنىي قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بار بولۇپ، كۆڭۈلدىكىدەك ساغلام يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ، بىراق سەمىرىپ كېتىشتىن ئەنسىرەيدىغان قىزلار  مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىش كېرەك.
مالىنا قېقى

 مالىنا قېقى كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان خانىم-قىزلانىڭ ئىستىمال قىلىشغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ،  تەركىبىدە بىرىكمە قىزىل سەندەل كەتىرا بار بولۇپ، ناھايىتى ياخشى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا ھېسابلىنىدۇ، مالىنا قېقى تەركىبىدە يەنە مول ۋىتامىن بار، كۈز ۋە قىش پەسىلى ئالمىشىدىغان ۋاقىتتا ئىستىمال قىلىپ بەرسە  ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

دېڭىز قوغاژايى

 دېڭىز قوغاژايى ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، تالا مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئىستىمال قىلغاندا سەمىرىپ كېتىشنىڭ خەۋپى يوق دېيەرلىك، تەركىبىدىكى ۋىتامىن b گۇرۇپىسىدىكىلەر نېرۋا قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئورگانىزملارنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تەڭشەپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ ۋە تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا، دېڭىز قوغاژايىنىڭ قالقانسىمان بەز فۇنكسىيىسىنى تەڭشەشكە پايدىسى بار .

دولانە

 دولانەنىڭ رولىنى كۆپچىلىك ھەممىسى بىلىدۇ، ئىشتىھانى ئېچىپ، تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ ، خىزمەتتىكى خانىم –قىزلار ئاشقازان-ئۈچىيى بىئارام بولسا دولانە يەپ بەرسە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، تاماق سىڭدۈرىدۇ ھەم بەدەندىكى  ئارتۇقچە ياغنى ئازايتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى