تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش نىزامى

  (2017–يىل 5–ئاينىڭ 27–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ29–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

  (41 – نومۇرلۇق)

  ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش نىزامى›› 2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2017 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

  شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە ئېلان چىقاردۇق.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

  2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى

  مۇندەرىجە

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  2 – باب يېڭى ئۆي – ئىمارەت خوجىلىقى ۋە ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق باشقۇرۇش

  1 – پاراگراف خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى

  2 – پاراگراف يانداش ئەسلىھە

  3 – پاراگراف ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق باشقۇرۇش ۋە خوجىلىققا تاپشۇرۇش

  3 – باب ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ۋە ئىجرا ئاپپاراتى

  1 – پاراگراف ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى

  2 – پاراگراف ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى

  4 – باب ئۆيدىن پايدىلىنىش

  1 – پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

  2 – پاراگراف ئۆي بېزەش ۋە ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىش

  3 – پاراگراف گاراژ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن پايدىلىنىش

  5 – باب خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە ھەق ئېلىش

  1 – پاراگراف خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى

  2 – پاراگراف خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى

  6 – باب ئۆي – ئىمارەتنى رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش

  1 – پاراگراف ئۆي – ئىمارەتنى رېمونت قىلىش، ئاسراش جاۋابكارلىقى

  2 – پاراگراف تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغى

  7 – باب كونا ئولتۇراق رايونىنىڭ خوجىلىقىنى باشقۇرۇش

  8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  9 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 – ماددا بۇ نىزام خوجىلىق باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆي ئىگىلىرى ۋە خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، ئولتۇراق مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئىناق مەھەللە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى››، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹خوجىلىق باشقۇرۇش نىزامى›› ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

  2 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى خوجىلىق باشقۇرۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.

  بۇ نىزامدا ئېيتىلغان خوجىلىق باشقۇرۇش دېگىنىمىز، ئۆي ئىگىلىرى تەكلىپ قىلغان خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ، ھاۋالە قىلغان باشقا باشقۇرغۇچىلارنىڭ (تۆۋەندە خوجىلىق باشقۇرغۇچىلار دېيىلىدۇ) ياكى ئۆي، يانداش ئەسلىھە ۋە مۇناسىۋەتلىك مەيداننى ئۆزى رېمونت قىلىش، ئاسراش ۋە باشقۇرۇش پائالىيىتىنى، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىنىڭ مۇھىت تازىلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرتىپىنى قوغداش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

  3 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى خوجىلىق مۇلازىمىتىنى زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا، مەھەللە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، خوجىلىق مۇلازىمىتىنى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، خوجىلىق مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئامان – ئىناق مەھەللە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى خوجىلىق باشقۇرۇش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

  پىلانلاش، قۇرۇلۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت مۇداپىئە، باھا، خەلق ئىشلىرى، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى، مۇھىت ئاسراش، شەھەر باشقۇرۇش، شەھەر مەمۇرىيىتى – جامائەت ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار خوجىلىق باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

  5 – ماددا كوچا باشقارمىلىرى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇشىغا تەشكىلاتچىلىق ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتىنى سايلاپ چىقىدۇ، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ئىجرا ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ، خوجىلىق مۇلازىمىتىنىڭ مەھەللە باشقۇرۇش، مەھەللە مۇلازىمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ، خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى كوچا باشقارمىلىرى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەملىشىدۇ.

  خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى سىناپ تەكشۈرۈش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

  6 – ماددا كوچا باشقارمىلىرى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى خوجىلىق باشقۇرۇش بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى ئورنىتىدۇ.

  بىرلەشمە يىغىننى كوچا باشقارمىلىرى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئۇل بولۇپ چاقىرىدۇ، يىغىنغا ئۆي – زېمىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، شەھەر باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ۋە شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتلىرى، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى، كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ، يىغىن خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدىكى ماسلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى كونكرېت ھەل قىلىدۇ.

  7 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سىياسەت تۈزۈپ، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدا ئىجتىمائىيلاشقان، كەسىپلەشكەن، بازارلاشقان خوجىلىق مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشقا، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇسۇل قوللىنىپ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ، خوجىلىق باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىشى كېرەك.

  8 – ماددا خوجىلىق مۇلازىمىتى كەسپىي تەشكىلاتلىرى ساھە تەلەپچانلىقى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىناۋەت ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىنىڭ تەلەپچانلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ سەمىمىي تىجارەت قىلىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  2 – باب يېڭى ئۆي – ئىمارەت خوجىلىقى ۋە ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق باشقۇرۇش

  1 – پاراگراف خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى

  9 – ماددا يېڭىدىن سېلىنغان ئۆي – ئىمارەتلەردە قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدە بېكىتىلگەن قىزىل سىزىق دائىرىسى بويىچە، ئۆي – ئىمارەت كۆلىمى، تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھە، مەھەللە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئامىللارنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىنى مۇۋاپىق ئايرىش كېرەك.

  باسقۇچقا بۆلۈپ سېلىنغان ياكى ئىككىدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن سالدۇرغان ئۆي – ئىمارەتلەردىن بىر يانداش ئەسلىھەنى تەڭ ئىشلىتىدىغانلىرىنى بىر خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى قىلىپ ئايرىش كېرەك.

  10 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆي سېتىشتىن بۇرۇن، قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى، قۇرۇلۇش يېرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى، قۇرۇلۇشنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ۋە يەر نامى تەستىق ھۆججىتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئېلىپ، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا بېرىپ خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىنى ئايرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

  ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە، كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت مۇداپىئە، شەھەر مەمۇرىيىتى – جامائەت ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىنى ئايرىپ بېرىشى ھەمدە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

  قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئايرىپ بېرىلگەن خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىنى ئۆي سېتىشتىن بۇرۇن ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا ئېنىق كۆرسىتىشى كېرەك.

  11 – ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىنى ئايرىغاندىن كېيىن تەڭشەشكە توغرا كەلسە، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى خاس قىسىم ئۆي – ئىمارەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھەم ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا ئايرىپ بېرىدۇ.

  2 – پاراگراف يانداش ئەسلىھە

  12 – ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىگە يىرىك پىلان بويىچە يانداپ سېلىنغان مائارىپ، داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش، مەھەللە مۇلازىمىتى قاتارلىق جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەسىنى ھۆكۈمەت قۇرۇپ بېرىشى ھەمدە مۇناسىپ خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ يانداپ سېلىنىدىغان پار ئالماشتۇرۇش، توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش، توك تەقسىملەش، يېقىلغۇ گاز بېسىمىنى تەڭشەش، ئەخلەت توشۇش، ئاممىۋى ھاجەتخانا، ئوت مۇداپىئە ھەمدە سودا مۇلازىمىتى ئەسلىھەسىنىڭ تۈر قۇرۇلۇش تەستىق ھۆججىتى، ئەنگە ئېلىش ھۆججىتىگە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننى، مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكىنى ئېنىق يېزىش كېرەك، قۇرۇلۇش خىراجىتىنى مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى سۇ، توك، گاز، پار قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى جامائەت ئەسلىھەسى، ئۈسكۈنىسىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان بولسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن سۇ، توك، گاز، پار كەسپىي تىجارىتى قىلىدىغان ئورۇنلار بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلى، ئاساسلىق تېخنىكا كۆرسەتكۈچى، سۈپەت كاپالىتى ۋە ئىشلىتىش يىل چېكى قاتارلىقلار ئۈستىدە كېڭىشىپ، يازما كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك. كېلىشىمدە لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش تەلىپى ۋە ماتېرىيال، ئۈسكۈنىلەرنىڭ تىپىنى تاللاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېنىق بېكىتىش، مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى تەمىنلىگۈچى ئورۇننىڭ تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەندە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

  13 – ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىغا يىرىك پىلان بويىچە سېلىنغان، جامائەت پاراۋانلىق خاراكتېرىنى ئالمىغان مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە ئەسلىھەسى قاتارلىق ئەسلىھەنىڭ مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتى ۋە مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئۇلار قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ ئىگىدارلىقىدا بولسا، ئالدى بىلەن شۇ خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى ئۆي ئىگىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

  14 – ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىغا يانداش سېلىنىدىغان خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيى ئۆي ئىگىلىرىگە قولايلىق بولۇشى، خوجىلىق باشقۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى؛ خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ ‰2ىدىن تۆۋەن بولماسلىقى، كونا ئولتۇراق رايونىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 300 كىۋادرات مېتىردىن كەم بولماسلىقى؛ خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيى ئايرىم سېلىنغانلىرىدا، ئايرىم قۇرۇلۇش كۆلىمى 50 كىۋادرات مېتىردىن كەم بولماسلىقى كېرەك. خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيىگە ئىشلىتىدىغان سۇ، توك، گاز ۋە پار ئايرىم باشقۇرۇلىدۇ، تىزگىنلىنىدۇ، مىقدارى ئايرىم ھېسابلىنىدۇ.

  ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ئىجرا ئاپپاراتىنىڭ ئىشلىتىدىغان ئۆيى ئۆي خوجىلىق مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىدىغان ئۆيدىن ئاجرىتىلىدۇ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 30 كىۋادرات مېتىردىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

  خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيى ئورتاق ئىشلىتىدىغان كۆلەمگە چېچىپ ھېسابلانمايدۇ، قۇرۇلۇش خىراجىتى قۇرۇلۇش تەننەرخىگە ھېسابلىنىدۇ، مۈلۈك ھوقۇقى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

  15 – ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدا يىرىك پىلان بويىچە سېلىنغان گاراژ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى سىغىم نىسبىتىگە ھېسابلانغان، بىراق ئۆي – ئىمارەتنىڭ ئورتاق قىسمى قىلىپ چېچىلمىغان بولسا، ئۇنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆي ئىگىلىرىگە قوشۇپ ھەدىيە قىلسا، سېتىپ بەرسە، ئىجارە بەرسە بولىدۇ.

  تۆۋەندىكى گاراژ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ:

  (1) سىغىم نىسبىتىگە ھېسابلانغان ھەمدە ئۆي – ئىمارەتنىڭ ئورتاق قىسمى قىلىپ چېچىلغانلىرى؛

  (2) سىغىم نىسبىتىگە ھېسابلانمىغان ياكى ئۆي – ئىمارەتنىڭ تەڭ پايدىلىنىدىغان ھاۋا مۇداپىئە يەر ئاستى ئۆيى، ئىمارەتنىڭ تەڭ پايدىلىنىدىغان ئۈسكۈنە قەۋىتىدىن پايدىلىنىپ سېلىنغان، ئايرىلغان گاراژ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى؛

  (3) ئولتۇراق رايونىنىڭ يول، تەڭ پايدىلىنىدىغان مەيدانلىرىنى ئىگىلەپ ئايرىلغان ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى.

  16 – ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى سۇ، توك، گاز، پار، خەۋەرلىشىش، سىملىق تېلېۋىزىيە قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى جامائەت ئەسلىھەسىنى ئاخىرقى خېرىدارغىچە يەتكۈزۈش كېرەك.

  ئىككىلەمچى سۇ بېرىش، توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش، توك يەتكۈزۈش، پار ئالماشتۇرۇش، يېقىلغۇ گاز بېسىمىنى تەڭشەش قاتارلىق ئەسلىھەنى قۇراشتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالاقىدار كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش، مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكىنى ئايرىش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا پۈتۈشۈشى كېرەك.

  خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى يېپىق شەكىلدە ماڭدۇرۇلۇۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەلىك سۇ ئىسسىتىش ئەسلىھەسى، ئارا سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى، بىۋاسىتە ئىچىدىغان سۇ ئەسلىھەسى، يەر مەنبەلىك ئىسسىقلىق پومپىسى، رايون پار قازىنى قاتارلىق يېپىق ئەسلىھە ئالاقىدار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، لېكىن كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرى مەبلەغ سالغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

  3 – پاراگراف ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق باشقۇرۇش ۋە خوجىلىققا تاپشۇرۇش

  17 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى خوجىلىق باشقۇرغۇچىنىڭ باشقۇرۇشىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

  ئۆي ئىگىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بىر ئورۇنغا تەۋە بولسا، ئورۇننىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ياكى تۇرمۇش ئارقا سەپ مۇلازىمەت تەشكىلاتىغا تايىنىپ، ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى بېكىتسە بولىدۇ.

  ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان ياكى ھۆكۈمەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ سالغان كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن پايدىلىنىشتا، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق خوجىلىق مۇلازىمىتى كارخانىسى تەكلىپ قىلىپ، ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى باشقۇرۇش كېرەك.

  18 – ماددا ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى باشقۇرۇشنى خوجىلىق باشقۇرغۇچىغا ھاۋالە قىلىشتا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن خوجىلىق باشقۇرغۇچى بىلەن ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامى تۈزۈپ، خوجىلىق مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنى، مۇلازىمەت ئۆلچىمىنىڭ دەرىجىسى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى، ھەق ئېلىش ئۇسۇلى ۋە ھەق ئېلىشنىڭ باشلىنىش ۋاقتى، توختامنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئەھۋاللار، ئۆي سۈپىتىدىكى نۇقسان جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى پۈتۈشۈش كېرەك.

  كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامىدا پۈتۈشكەن خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆلچىمى، دەرىجىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

  19 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشى كېرەك.

  ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش كېلىشىمىنىڭ ئۈلگە نۇسخىسىنى ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىلىدۇ.

  20 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆي سېتىشتىن بۇرۇن ئۆي سېتىۋالغۇچىغا ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىنى، ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش كېلىشىمىنى كۆرسىتىشى، ئۆي سېتىۋالغۇچى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

  ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامى، ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش كېلىشىمىنى تۈزۈشكە بولغان نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى، ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

  21 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى تاپشۇرۇشى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:

  (1) قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈش يىرىك پىلانى ئېتىراپ قىلىنغان بولۇش، پۈتكەن قۇرۇلۇش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغان بولۇش؛

  (2) سۇ بېرىش، سۇ چىقىرىۋېتىش قۇرۇلۇشى شەھەر مەمۇرىيىتى جامائەت تۇرۇبا تورى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇش، ئىشلىتىدىغان توك شەھەر مەمۇرىيىتى توك بېرىش تورىغا ئۇلانغان بولۇش، مىقدار ھېسابلاش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىش لايىھەلەش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن بولۇش؛

  (3) شەھەردىكى تۇرۇبىلىق يېقىلغۇ گاز، مەركەزلىك پار بېرىش تۇرۇبا تورى قاپلىغان رايوندا، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسى ۋە پار تۇرۇبىسى لايىھە بويىچە ياتقۇزۇلغان ۋە تورغا ئۇلانغان بولۇش، يېقىلغۇ گاز ۋە پار بېرىشتە ئائىلە بويىچە ئورنىتىلغان يېقىلغۇ گاز پار كونترول قۇرۇلمىسى ۋە مىقدار ھېسابلاش قۇرۇلمىسى ئائىلە بويىچە مىقدار ھېسابلاپ ھەق ئېلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

  (4) خەۋەرلىشىش، سىملىق تېلېۋىزىيە سانلىق مەلۇماتىنى يوللاش ئۇچۇر تېرمىنالى ئائىلىلەرگىچە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇش، خەت ساندۇقى، گېزىت ساندۇقى قاتارلىقلار يىرىك پىلاندا لايىھەلەنگەن تەلەپ بويىچە ئورنىتىلغان بولۇش؛

  (5) بىخەتەرلىك كۆزىتىش – كونترول قۇرۇلمىسى ياكى لىفىت، پار قازان قاتارلىق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر شۇنىڭدەك ئوت ئۆچۈرۈش سۈيى قۇرۇلمىسى، ئوت ئاپىتىدىن ئاپتوماتىك سىگنال بېرىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلمىسى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولى قاتارلىق تەڭ پايدىلىنىدىغان ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغان بولۇش؛

  (6) خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيى، گاراژ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلان بويىچە تاماملانغان بولۇش؛

  (7) لايىھە بويىچە تاماملىنىدىغان كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى پەسىل سەۋەبىدىن كەينىگە كېچىكتۈرۈشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ يازما كاپالەتنامىسى خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدا ئېلان قىلىنغان بولۇش كېرەك.

  باسقۇچقا بۆلۈپ قىلىنىدىغان قۇرۇلۇشلاردىكى پۈتكەن قۇرۇلۇش رايونى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش ھەمدە ئۇنى ئەسلىھە ئورنىتىپ قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان رايوندىن ئايرىۋېتىش كېرەك.

  22 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى تاپشۇرغاندا، خوجىلىق باشقۇرغۇچىغا خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيى ۋە تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك:

  (1) پۈتكەن قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي تەكشىلىك خەرىتىسى، يەككە ئىمارەت، قۇرۇلما، ئۈسكۈنىنىڭ پۈتكەنلىك خەرىتىسى، يانداش ئەسلىھە، يەر ئاستى تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكەنلىك خەرىتىسى، ئائىلە بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ماتېرىيالى؛

  (2) تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھە تىزىملىكى ۋە ئۇنى قۇراشتۇرۇش، ئىشلىتىش، ئاسراش، رېمونت قىلىشقا ئائىت تېخنىكىلىق ماتېرىياللار؛

  (3) باغ – ئورمان قۇرۇلۇشى قىلىش خەرىتىسى، دەرەخ تۈرى تىزىملىكى؛

  (4) خوجىلىق سۈپىتى، رېمونت كاپالەت ھۆججىتى ۋە خوجىلىقتىن پايدىلىنىش توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈش ھۆججىتى؛

  (5) ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىسىملىكى؛

  (6) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ياكى ئىككى تەرەپ تاپشۇرۇشنى پۈتۈشكەن باشقا ماتېرىياللار.

  ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامى ئاخىرلاشقاندا، خوجىلىق باشقۇرغۇچى خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيى ۋە ئالدىنقى تارماقتا دېيىلگەن ماتېرىياللارنى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

  3 – باب ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ۋە ئىجرا ئاپپاراتى

  1 – پاراگراف ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى

  23 – ماددا ئۆينىڭ ئىگىدارى ئۆي ئىگىسى بولىدۇ.

  كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلمىغان، لېكىن قانۇندىكى بەلگىلىمە، سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم كومىتېتىنىڭ قانۇن ھۆججىتىگە، ئېلىش تولۇقلىمىسى قارارىغا، ۋارىسلىق قىلىش ياكى ھەدىيەنى قوبۇل قىلىش، قانۇنلۇق سېلىش ئاساسىدا شۇنداقلا توختام مۇناسىۋىتى ئاساسىدا ئىگىلەنگەن ئۆينى ئىشلەتكۈچىلەرگە بۇ نىزامدىكى ئۆي ئىگىسىگە ئالاقىدار بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

  ئۆي ئىگىسى ئۆي – ئىمارەتنىڭ خاس قىسمىغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، خاس قىسمىدىن باشقا ئورتاق قىسمىغا قانۇن بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ۋە ئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە مۇناسىپ مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئۆي ئىگىلىرى ھوقۇقتىن ۋاز كەچتىم دەپ مەجبۇرىيەتتىن قاچسا بولمايدۇ.

  24 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان خوجىلىق باشقۇرغۇچىلار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ كۆچۈپ كىرىش ئەھۋالىنى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ھەمدە شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە قوشۇمچە ئەۋەتىشى كېرەك.

  تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىدە، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنى ئېچىش كېرەك:

  (1) ئۆي ئىگىلىرى كۆچۈپ كىرگەن كۆلەم %50 تىن كۆپرەككە يەتكەن بولسا؛

  (2) كۆچۈپ كىرگەن ئۆي ئىگىلىرى سانى %50 تىن كۆپرەككە يەتكەن بولسا؛

  (3) تۇنجى كۆچۈپ كىرگەن ئۆي ئىگىسى كۆچۈپ كىرگىنىگە ئىككى يىل بولغان ھەمدە كۆچۈپ كىرگەنلەرنىڭ نىسبىتى %25 تىن كۆپرەككە يەتكەن بولسا.

  25 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى ئېچىش شەرتى ھازىرلانسا، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، ئۆي ئىگىلىرى ياكى ھاۋالە قىلغان خوجىلىق باشقۇرغۇچىنىڭ دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى تەييارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇشى كېرەك.

  تەييارلىق گۇرۇپپىسى كوچا پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى، كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۆي ئىگىلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ۋەكىللىرىدىن 7 كىشىدىن يۇقىرى، 11 كىشىدىن تۆۋەن بولغان تاق ساندىن تەركىب تاپىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تەييارلىق گۇرۇپپىسىدىكى ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ ئىككىدىن بىر قىسمىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك. تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋەكىلى ئۆتەيدۇ.

  تەييارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدا ئەزالارنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئېلان قىلىش كېرەك.

  26 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى تەييارلىق گۇرۇپپىسى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:

  (1) ئۆي ئىگىلىرىنىڭ سالاھىيىتى، ئائىلىلىك سانى ۋە ئىگىلىگەن خاس قىسمىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش؛

  (2) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنىنىڭ ۋاقتى، ئورنى، شەكلى ۋە مەزمۇنىنى بېكىتىش؛

  (3) باشقۇرۇش قائىدىسى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىنى تەييارلاش؛

  (4) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، بېلەت ھېسابلاش ئۇسۇلىنى بېكىتىش؛

  (5) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتىنى سايلاش لايىھەسى، سايلىنىش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئىجرا ئاپپاراتىدىكى خادىملار نامزاتىنىڭ ئىسىملىكىنى ياكى كۆرسىتىلگەن نامزات ئىسىملىكى، سايلام چارىسىنى ئېلان قىلىش؛

  (6) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنىدا قارار قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.

  تەييارلىق گۇرۇپپىسى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنى ئېچىلىشتىن 15 كۈن بۇرۇن، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىگە يازما ئۇقتۇرۇشى ھەمدە خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدە ئېلان قىلىشى كېرەك؛ ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغان ئىشلارغا باشقىچە پىكرى بولسا، تەييارلىق گۇرۇپپىسى ئېنىقلىشى ھەمدە ئېنىقلاش نەتىجىسىنى باشقىچە پىكرى بارلارغا ئېيتىپ قويۇشى كېرەك.

  تەييارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنى ئېچىش كېرەك.

  تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى چاقىرىشىغا كېتىدىغان خىراجەتنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.

  27 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۆي ئىگىلىرى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنىغا مەلۇم سەۋەب بىلەن قاتنىشالمىسا، قاتنىشىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ ھەمدە ھاۋالىنامە چىقىرىپ، ھاۋالە قىلغان ئىشلار، ھوقۇق دائىرىسى، مۇددىتى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

  ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش ھەرىكىتىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىشى ۋە ئۇنى قوغدىشى كېرەك.

  خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ سانى ئازراق بولۇپ، بارلىق ئۆي ئىگىلىرى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرماسلىققا بىردەك قوشۇلسا، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بارلىق ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق ئادا قىلىدۇ.

  28 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ:

  (1) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسى ۋە باشقۇرۇش قائىدىسىنى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش؛

  (2) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ئىجرا ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىرىنى سايلاش ياكى ئالماشتۇرۇش؛

  (3) خوجىلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى تاللاش، خوجىلىق باشقۇرغۇچىنى تەكلىپ قىلىش ۋە بوشىتىش؛

  (4) ئورتاق قىسىم، تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھەنىڭ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى غەملەش ۋە ئىشلىتىش؛

  (5) ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەسىنى ئۆزگەرتىش، قايتا قۇرۇشنى قارار قىلىش؛

  (6) ئورتاق قىسىمنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىش، ئورتاق قىسىمدىن پايدىلىنىپ تىجارەت قىلىش ۋە تىجارەت پايدىسىنى تەقسىملەش، ئىشلىتىشنى قارار قىلىش؛

  (7) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ۋە ئۇنىڭ ئىجرا ئاپپاراتىنىڭ پائالىيەت خىراجىتى شۇنىڭدەك ئىجرا ئاپپاراتى ئەزالىرىنىڭ ئىش ھەققىنى بېكىتىش؛

  (8) خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان ۋە ئورتاق باشقۇرىدىغان ئىشلار.

  ئالدىنقى تارماقنىڭ (4)، (5)، (6) تارماقچىسىدىكى ئىشلارنى قارار قىلىشتا، مۇشۇ نىزامدا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى خاس قىسمىغا ئىمارەت كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەك ئىگىدارلىق قىلىدىغان ئۆي ئىگىلىرى ھەم ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ باشقا ئىشلارنى قارار قىلىشتا، خاس قىسمى ئومۇمىي ئىمارەت كۆلىمىدە تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھەمدە تەڭدىن تولا ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

  29 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىدىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە بېكىتىلىدۇ:

  (1) ئۆي ئىگىلىرىنىڭ سانى خاس قىسمىنىڭ سانى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. بىر خاس قىسىم بىر ئادەم دەپ ھېسابلىنىدۇ، تاپشۇرۇلمىغان قىسمى ۋە بىر مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسى بىردىن ئارتۇق خاس قىسمىغا ئىگىدارلىق قىلغان بولسا، بىر ئادەم دەپ ھېسابلىنىدۇ؛

  (2) خاس قىسمىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى تىزىملانغان كۆچمەس مۈلۈكنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ تېخى تىزىملانمىغانلىرى ۋاقتىنچە ئۆلچەش – سىزىش ئاپپاراتى ئەمەلىي ئۆلچىگەن قۇرۇلۇش كۆلىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ تېخى ئۆلچەنمىگەنلىرى ۋاقتىنچە ئۆي سېتىش – سېتىۋېلىش توختامىدا پۈتۈشكەن قۇرۇلۇش كۆلىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

  30 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ئىشلارنى قارار قىلىشتا مەركەزلىك بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللانسىمۇ، يازما پىكىر ئېلىش ئۇسۇلى قوللانسىمۇ بولىدۇ.

  يازما پىكىر ئېلىش ئۇسۇلى قوللانغاندا، پىكىر ئېلىش قەغىزىنى ئۆي ئىگىلىرى ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىشى كېرەك؛ ئۆي ئىگىلىرى ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدە ئېلان چىقىرىش ھەمدە پېچەتلەنگەن پىكىر ئېلىش ساندۇقى تەسىس قىلىپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك، ئېلان چىقىرىش ۋاقتى 15 كۈندىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

  31 – ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ سانى كۆپرەك بولسا، بىنا ۋە بىنا ئىشىكىنى بىرلىك قىلىپ، ئۆي ئىگىلىرى ۋەكىللىرىنى سايلاپ، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىگە قاتناشتۇرسا بولىدۇ. ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىگە قاتنىشىدىغان ئۆي ئىگىلىرى ۋەكىللىرى ئاۋۋال ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان ئۆي ئىگىلىرىدىن يازما پىكىر ئېلىشى ھەمدە ئۆي ئىگىلىرىگە قول قويدۇرۇشى كېرەك.

  32 – ماددا ئاۋاز بېرىشكە قاتناشمىغان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى سانىنى كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن ئاۋاز سانىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىك باشقۇرۇش قائىدىسى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىدە بەلگىلىنىدۇ.

  33 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئېچىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق يىغىنىنى ئېچىش كېرەك:

  (1) %20 تىن كۆپرەك ئۆي ئىگىسى تەكلىپ بەرسە؛

  (2) زور ۋەقە ياكى جىددىي ھادىسە كۆرۈلۈپ، ئۇنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلسە؛

  (3) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسى ياكى باشقۇرۇش قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار بولسا.

  2 – پاراگراف ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى

  34 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى قىلىپ سايلىسا بولىدۇ. قانۇن بويىچە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنى قۇرمىغان ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلىمىغان خوجىلىق باشقۇرۇش رايونلىرىدا، كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى شۇ خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى ئۆي ئىگىلىرىدىن پىكىر ئالغان ھەمدە ئۆي ئىگىلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى تۇرۇشلۇق مەھەللىدىكى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ قىسمەن مەسئۇلىيىتىنى ۋاقىتلىق ئادا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلسا بولىدۇ.

  ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:

  (1) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ يىغىنى ۋە ۋاقىتلىق يىغىنىنى چاقىرىش ھەمدە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىش، خوجىلىق باشقۇرۇش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش؛

  (2) ئۆي ئىگىلىرىگە ۋاكالىتەن خوجىلىق باشقۇرغۇچى بىلەن خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامى تۈزۈش؛

  (3) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش؛

  (4) ئۆي ئىگىلىرى، ئۆيدىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمىتى ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش، خوجىلىق باشقۇرغۇچىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامىنى ئادا قىلىشىنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىش؛

  (5) باشقۇرۇش قائىدىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش؛

  (6) رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش مەخسۇس مەبلىغىنى غەملەش ۋە ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىشقا تەشكىللەش؛

  (7) ئۆي ئىگىلىرى ئارىسىدىكى ئۆيدىن پايدىلىنىش، ئاسراش ۋە باشقۇرۇشتىن كېلىپ چىققان ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش؛

  (8) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يۈكلىگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

  35 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى 5 تىن 11 گىچە بولغان تاق ساندىكى ئۆي ئىگىسىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنىڭدا مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر، بىرقانچە ئىجرا ئاپپاراتى ئەزاسى ۋە كاندىدات ئەزا قويۇلىدۇ، مۇدىر ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى ئىجرا ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىقىنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولىدۇ. ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 5 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۇدا سايلانسا، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ.

  36 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى جايلاشقان جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدىغان تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

  (1) ئۆي ئىگىلىرى كېڭەش يىغىنىنىڭ قارارى؛

  (2) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسى؛

  (3) باشقۇرۇش قائىدىسى؛

  (4) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئاساسىي ئەھۋالى؛

  (5) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ماتېرىياللار.

  ئەنگە ئالغۇچى تارماق ئەنگە ئالىدىغان ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە، ئەنگە ئالىدىغان ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈشى، كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن يازما پىكىر ئېلىشى؛ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغانلىرىنى ئەنگە ئېلىپ تىزىملاپ، ئەنگە ئالغانلىق ئىسپاتى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىغا تامغا ئويدۇرۇش ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك.

  ئەنگە ئالدۇرغان تۈرلەردە ئۆزگىرىش بولغاندا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆزگىرىش بولغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەنگە ئالغۇچى تارماققا بېرىپ ئۆزگەرتىش رەسمىيىتى بېجىرىشى كېرەك.

  37 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قارارى ۋە ئىش قائىدىسى بويىچە يىغىن ئېچىشى كېرەك.

  ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا مۇدىر ياكى مۇئاۋىن مۇدىر رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئەزا قاتنىشىدۇ، چىقارغان قارارغا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ تەڭدىن تولىسى قوشۇلغان بولۇشى كېرەك.

  38 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ يىغىندا چىقارغان قارارىنى قارار چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 3 كۈن ئىچىدە، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدە ئېلان قىلىشى كېرەك.

  ئۆي ئىگىلىرى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى يىغىنىنىڭ ماتېرىياللىرىنى، خاتىرىلىرىنى كۆرۈشكە، ئۆز مەنپەئىتىگە چېتىشلىق ئىشلار توغرىسىدا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىدىن سوئال سوراشقا ھوقۇقلۇق، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى چۈشەندۈرۈشى، جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئۆي ئىگىلىرى يازما جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى يازما جاۋاب چىقىرىپ بېرىشى كېرەك.

  39 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن 90 كۈن بۇرۇن، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

  باشقۇرۇش قائىدىسى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئىقتىسادىي تەپتىش ئاپپاراتىغا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى پۇل – مال ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ. نۆۋەت ئالماشقاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى تامغا، ئارخىپ ماتېرىياللىرى ۋە بارلىق ئۆي ئىگىلىرىگە تەئەللۇق پۇل – مال قاتارلىقلارنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

  40 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولسا بولمايدۇ:

  (1) ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق مۈلكىنى ئىشلىتىۋېلىش، ئىگىلىۋېلىش؛

  (2) قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، خوجىلىق باشقۇرغۇچىلار ياكى پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بولغان ئۆي ئىگىلىرى بەرگەن پايدا ياكى ھەقنى قانۇنسىز سوراش، ئېلىش؛

  (3) خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، خوجىلىق باشقۇرغۇچىدىن ئۆزىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلىش؛

  (4) ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادىل ئادا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا ھەرىكەتلەر.

  41 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىدىكى تەڭدىن تولا ئەزا ياكى %20 تىن ئارتۇق ئۆي ئىگىسى تەكلىپ بەرسە، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى بەرگەن ھوقۇققا بىنائەن، ئۇنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ:

  (1) مەسئۇلىيەت، ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىش ياكى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قارار، بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلماسلىق، ئەزالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق؛

  (2) مۇشۇ نىزامنىڭ 40 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش؛

  (3) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىنى ئۆتەشكە ماس كەلمەيدىغان باشقا ئەھۋاللار؛

  ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىغا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش توغرىسىدا يازما ئىلتىماس تاپشۇرسا ياكى ئۇلار خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى ئۆي ئىگىسى بولماي قالسا، ئۇلارنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتى ئۆزلۈكىدىن ئاخىرلىشىدۇ.

  42 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى خوجىلىقنى ئۆزلىرى باشقۇرۇشنى ئورتاق قارار قىلغان بولسا، باشقۇرۇشقا مەسئۇل كىشى، باشقۇرۇش تۈرلىرى، باشقۇرۇش ئۇسۇلى، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، ئادەم ياللاپ ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلارنى ئورتاق پۈتۈشۈشى كېرەك.

  4 – باب ئۆيدىن پايدىلىنىش

  1 – پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

  43 – ماددا ئۆيدىن پايدىلىنىشتا قانۇن – نىزامدىكى بەلگىلىمە ۋە باشقۇرۇش قائىدىسى شۇنىڭدەك ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قارارىغا رىئايە قىلىش، قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، جامائەت ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلىشقا، جامائەت مەنپەئىتىگە ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

  44 – ماددا باشقۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى بولسا، ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى ۋە خوجىلىق باشقۇرغۇچىلار نەسىھەت قىلىپ توسۇش، چەكلەشكە، قىلمىش سادىر قىلغۇچىدىن زىيان سېلىشنى توختىتىپ، خەتەرنى، توسالغۇنى تۈگىتىش، زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق:

  (1) خالىغان يەرگە ئەخلەت تۆكۈش، كېرەكسىز نەرسە تاشلاش، پاسكىنا سۇ چىقىرىش؛

  (2) ئۆي – ئىمارەتنىڭ ئورتاق قىسمىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىگىلىۋېلىش؛

  (3) شاۋقۇن، تەۋرىنىش پەيدا قىلىپ قوشنا ئۆي ئىگىلىرىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىش؛

  (4) باشقۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپ باشقا ھەرىكەتلەر.

  45 – ماددا ئۆي – ئىمارەتتىن پايدىلىنىش جەريانىدا، تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرگە يول قويۇلمايدۇ:

  (1) خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى يىرىك پىلان بويىچە سېلىنغان جامائەت بىناسى، تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھەنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىش؛

  (2) ئۆينىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ياكى ئەسلىي ئىمارەتنىڭ قەۋىتىنى كۆپەيتىش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش؛

  (3) ئۆي – ئىمارەتنىڭ تەڭ پايدىلىنىدىغان قىسمىنى، ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرىنى قانۇنسىز بىر تەرەپ قىلىپ ياكى ئىگىلەپ تىجارەتكە سېلىش؛

  (4) خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى يول، مەيدان، جامائەتكە تەۋە يېشىللىق، تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھەنى ئىگىلىۋېلىش، بۇزۇۋېتىش؛

  (5) ئۆينىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قۇرۇلمىسى، قورشاپ ئاسراش قۇرۇلمىسىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىۋېتىش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تېمىدىكى ئەسلىدىكى ئىشىك – دېرىزىنىڭ ئۆلچىمىنى چوڭايتىپ، يەر تەۋرەشتىن ساقلىنىش، ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش؛

  (6) ئۆگزە، بىنا قەۋىتىنىڭ سۇ ئۆتكۈزمەس قاتلىمىنى بۇزۇۋېتىش، يېقىلغۇ گاز، پار تۇرۇبىسى، ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىش، بىنانىڭ يۈكىنى لايىھەدىكى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋېتىش؛

  (7) ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك، خىمىيەۋى، رادىيوئاكتىپ بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلاش، دۆۋىلەپ قويۇش، زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى قانۇنسىز قويۇپ بېرىپ ياكى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ شاۋقۇن چىقىرىپ، مۇھىتنى بۇلغاش؛

  (8) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى ئېسىش، چاپلاش ياكى تالا ئېلانى ئورنىتىش، كوچىغا قارايدىغان بالكون سىرتىغا كىيىم يېيىپ، نەرسە – كېرەك قاتارلىقلارنى دۆۋىلەپ قويۇپ، شەھەر قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش؛

  (9) ئوت مۇداپىئە يولى، ئوت مۇداپىئە قۇتقۇزۇش مەيدانىنى ئىگىلەش، توسۇپ قويۇش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىگە خىلاپ ئۈسكۈنە – ئەسلىھەنى ئورنىتىش؛

  (10) قانۇن – نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جامائەت مەنپەئىتى ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەر.

  خوجىلىق باشقۇرغۇچىلار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغاندا، نەسىھەت قىلىشى، توسۇشى ھەمدە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  46 – ماددا پىلانلاش، قۇرۇلۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت مۇداپىئە، باھا، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى، مۇھىت ئاسراش، شەھەر باشقۇرۇش، شەھەر مەمۇرىيىتى – جامائەت ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، ئامانلىق ساقلاش، ئوت مۇداپىئە، باھا، ئالاھىدە ئۈسكۈنە، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق جەھەتلەرگە بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، قانۇنسىز قىلمىشلار ئۈستىدىكى ئەرز – شىكايەتلەرنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قوبۇل قىلىپ بېجىرىش شەكلى، تەرتىپى ۋە مۇددىتىنى ئېلان قىلىپ، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  47 – ماددا ئۆي ئىگىسى ئۆي ۋە گاراژ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ئىجارە بېرىشتە، ئىجارە ئالغۇچىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش پائالىيىتىدىكى ھوقۇق – مەجبۇرىيىتىنى ئىجارە توختامىغا ئېنىق يېزىشى ھەمدە ئىجارە ئالغۇچى، ئىجارە مۇددىتى، خوجىلىق مۇلازىمىتى ۋە سۇ، توك، گاز، پار قاتارلىقلارنىڭ ھەققىنى تاپشۇرۇش پۈتۈمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتىغا ۋە خوجىلىق باشقۇرغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

  2 – پاراگراف ئۆي بېزەش ۋە ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىش

  48 – ماددا ئۆي ئىگىسى ئۆينى بېزىگەندە، بېزەش مەزمۇنى، پىلاندىكى قۇرۇلۇش مۇددىتى، بېزەش قۇرۇلۇشى مەسئۇلىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى قوشنا ئۆي ئىگىسىگە، خوجىلىق باشقۇرغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

  خوجىلىق باشقۇرغۇچى تۆۋەندىكى ئىشلار ئۈستىدە ئۆي ئىگىسى بىلەن يازما كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك:

  (1) بېزەش قۇرۇلۇشى قىلىش ۋاقتى؛

  (2) ئۆي بېزەشتىن چىققان ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە توشۇش؛

  (3) لىفىتنى ئىشلىتىش، تەڭ پايدىلىنىدىغان قىسمىنى ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار؛

  (4) ئۆگزە، دېرىزە سىرتى، بالكونغا ئەسلىھە، ئۈسكۈنە، رېشاتكا قاتارلىقلارنى ئورنىتىش ھەققىدىكى تەلەپ؛

  (5) قانۇن – نىزام ۋە باشقۇرۇش قائىدىسىدە مەنئى قىلىنغان ھەرىكەتلەر؛

  (6) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى.

  49 – ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدە يىرىك پىلان بويىچە قۇرۇلغان جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى، شەھەر مەمۇرىيىتى جامائەت قۇرۇلۇشى ۋە خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدۇ.

  تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىشلىتىلىشىنى ھەقىقەتەن ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەندە، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى خاس قىسمى ئىمارەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھەم ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلارغا ئىلتىماس قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك:

  (1) خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىنى تەڭشەش سەۋەبىدىن جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەسى، شەھەر مەمۇرىيىتى جامائەت قۇرۇلۇشى ۋە خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيىنى سەپلەپ قۇرۇش تەلىپى ۋە ئىشلىتىش ئېھتىياجىدىن ئاشۇرۇشقا توغرا كەلسە؛

  (2) سۇ، توك، گاز، پار بېرىش ئۇسۇلى، تېخنىكىسى قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، ئەسلىدىكى جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەسى بىكار تۇرۇپ قالسا؛

  (3) ئىمارەتنىڭ تەڭ پايدىلىنىدىغان ئۈسكۈنە قەۋىتى قاتارلىقلار بىكار تۇرۇپ قالسا.

  50 – ماددا ئۆي ئىگىسى تۇرالغۇنى تىجارەتلىك ئۆيگە ئۆزگەرتمەكچى بولسا، قانۇن – نىزام ۋە باشقۇرۇش قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى، تەشەبىۇسكارلىق بىلەن پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بار ئۆي ئىگىسى بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتىدىن ياردەملىشىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ ھەمدە پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

  51 – ماددا تۇرالغۇ ئۆي – ئىمارەتنىڭ ئورتاق قىسمىدىن پايدىلىنىپ لىفىت ئورنىتىش قاتارلىق ئىككىلەمچى ئېچىش، ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، يىرىك پىلان، يەر، قۇرۇلۇش، مۇھىت ئاسراش، ئوت مۇداپىئە، ئالاھىدە ئۈسكۈنە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە تېخنىكا ئۆلچىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇش شەرتى ئاستىدا، شۇ بىنا ياكى شۇ بىنا ئىشىكىگە تەۋە ئۆينىڭ خاس قىسمى ئومۇمىي ئىمارەت كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىگەن ھەمدە ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەمدە قانۇن بويىچە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش لازىم.

  3 – پاراگراف گاراژ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن پايدىلىنىش

  52 – ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى گاراژ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئالدى بىلەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك. گاراژ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ ئومۇمىي سانى ئۆي ئىگىلىرى ئومۇمىي سانىدىن ياكى ئېھتىياجلىق ساندىن ئاز بولسا، ۋاقىتلىق باشقۇرۇش قائىدىسى، باشقۇرۇش قائىدىسىدە گاراژ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا ئېرىشىش ئۇسۇلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

  گاراژ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن كېيىن، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى سىرتىدىكى باشقا كىشىلەرگە ئىجارە بېرىشكە بولىدۇ، لېكىن سېتىشقا بولمايدۇ. باشقۇرۇش قائىدىسى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىجارە مۇددىتىنى بىر قېتىمدا 12 ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ ئىجارە توختامىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىش ئېھتىياجى بولسا، ئالدىن قاندۇرۇش كېرەك.

  53 – ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى پىلانلانغان گاراژ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئېشىپ قالغان تۇرۇقلۇق، خوجىلىق باشقۇرغۇچىلار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى يول، مەيدانلارنى ئىگىلەپ گاراژ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەسىس قىلسا بولمايدۇ.

  ھەقىقەتەن خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان يول، مەيدانلارنى ئىگىلەپ ئاپتوموبىل ئورنى تەسىس قىلىشقا توغرا كەلسە، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىنىڭ يۇقىرىغا چىقىپ مەشغۇلات قىلىش مەيدانىنى ئىگىلەشكە، ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكى، تارقاقلاشتۇرۇش يولى ۋە بىخەتەر ئىشىكنى توسۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

  5 – باب خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە ھەق ئېلىش

  1 – پاراگراف خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى

  54 – ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

  (1) ئورتاق قىسىم، تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھە شۇنىڭدەك ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان گاراژ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش، ئاسراش، رېمونت قىلىش؛

  (2) جامائەت يېشىللىقىنى باشقۇرۇش، ئاسراش؛

  (3) ئورتاق قىسىم ۋە جامائەت رايونىنىڭ تازىلىقىنى قىلىش، قار – مۇز تازىلاش قاتارلىق مۇھىت تازىلىقىنى قىلىش – ئاسراش؛

  (4) جامائەت رايونىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش، بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى، قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئىشلارغا ياردەملىشىش خىزمىتى؛

  (5) ئۆي – ئىمارەتتىن پايدىلىنىش جەريانىدىكى مەنئى قىلىنغان قىلمىشلارنى ئۇقتۇرۇش، نەسىھەت قىلىپ توسۇش، دوكلات قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر؛

  (6) ۋاكالىتەن يىغقان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى ئۆي، ئەسلىھە، گاراژ (ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى) قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش ھەققىنىڭ ھېساباتىنى باشقۇرۇش؛

  (7) خوجىلىقنىڭ مەخسۇس ئاسراش، رېمونت قىلىش مەبلىغىنى ئىشلىتىش لايىھەسىنى تۈزۈش؛

  (8) خوجىلىق مۇلازىمىتى ئارخىپى ۋە ئۆي – ئىمارەت ئارخىپىنى باشقۇرۇش؛

  (9) خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدىكى باشقا ئىشلار.

  خوجىلىق باشقۇرغۇچىنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تۇرمۇش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

  55 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى خوجىلىق باشقۇرۇشنى خوجىلىق باشقۇرغۇچىغا ھاۋالە قىلىشنى قارار قىلىشتا، ھاۋالە قىلىنغۇچى تەرەپ بىلەن خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

  خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامىدا خوجىلىق مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنى، مۇلازىمەت ئۆلچىمى، ھەق ھېسابلاش ئۇسۇلى، خوجىلىق باشقۇرۇش ئۆيى، توختام مۇددىتى، توختامنى بىكار قىلىش، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى قاتارلىق ئىشلارنى پۈتۈشۈش كېرەك.

  خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامىدا ئۈلگە نۇسخا ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىلىدۇ.

  56 – ماددا خوجىلىق باشقۇرغۇچى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنى ئىجرا ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئورتاق قىسمى، تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھەنى رېمونت قىلىش، ئاسراش، يېشىللىقنى باشقۇرۇش – ئاسراش، تازىلىق قىلىش، قار – مۇز تازىلاش، تەرتىپ ساقلاش، بىخەتەرلىك جەھەتتە مۇداپىئەلىنىش شۇنىڭدەك ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق پايدا ئالغان ھېساباتنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى كەسپىي ئورۇنغا ھاۋالە قىلسا ھەمدە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرسا بولىدۇ. ھاۋالە قىلىنغۇچى كەسپىي ئورۇن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، خوجىلىق باشقۇرغۇچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  57 – ماددا ئۆي ئىگىلىرىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى توختامى سىرتىدىكى ئېلىپ – سېتىلغان، بېزەلگەن ئۆيلەرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىللارنى ساقلاپ بېرىش، جىسمانىي ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئۆي، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى قىلىش، ئۆينىڭ خاس قىسمىنى تازىلاش، پاكىزلاش، رېمونت قىلىش، ئەشيا يەتكۈزۈش، ياشانغانلارنى كۈتۈش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدىكى مۇلازىمەت تەلىپى بولسا، خوجىلىق باشقۇرغۇچى بىلەن كېڭىشىپ، مۇلازىمەت تۈرلىرى، مۇلازىمەت ئۆلچىمى، ھەق ئېلىش، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا پۈتۈشسە بولىدۇ.

  58 – ماددا خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامىنى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا، توختامغا ئاساسەن زۆرۈر بولغان ئۇقتۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك؛ توختامدا ئۇقتۇرۇش قىلىش مۇددىتى پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، 90 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

  59 – ماددا خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامى بىكار قىلىنغان ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، خوجىلىق باشقۇرغۇچى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى بىلەن توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە چېكىنىپ چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش – ئۆتكۈزۈۋېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك:

  (1) ساقلاۋاتقان ئۆي – ئىمارەت ئارخىپى، خوجىلىق مۇلازىمىتى ئارخىپىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛

  (2) خوجىلىق مۇلازىمىتى قىلغان مەزگىلدە شەكىللەنگەن ئۆي – ئىمارەت ۋە ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىش، يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار؛

  (3) خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛

  (4) ئالدىن ئالغان، ۋاكالىتەن ئالغان مۇناسىۋەتلىك ھەقلەرنى ئېنىقلاش؛

  (5) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلار.

  خوجىلىق باشقۇرغۇچىنىڭ ئۇقتۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى خوجىلىقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەي تۇرۇپ، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلىشىغا ياكى خوجىلىق مۇلازىمىتىنى توختىتىشىغا بولمايدۇ.

  60 – ماددا ئۆي ئىگىسى خوجىلىق مۇلازىمىتى سۈپىتى توختامدا پۈتۈشكەن ئۆلچەمگە يەتمىدى دەپ قارىسا ياكى خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە باشقىچە پىكرى بولسا، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتىغا ياكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ.

  ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى ياكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئەرز قىلىنغان پاكىتنى ۋاقتىدا ئېنىقلىشى؛ ئۆينىڭ ئورتاق قىسمى، تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنىگە چېتىشلىق بولسا، شۇ دائىرىدىكى باشقا ئۆي ئىگىلىرىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك. ئېنىقلانغان پاكىت راست بولسا، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى ياكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خوجىلىق باشقۇرغۇچىغا تۈزىتىش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ ئۆي ئىگىسى ئەرز قىلغان ئىش پۇت تىرەپ تۇرالمىسا، جاۋاب بېرىشى ھەمدە چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

  61 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خوجىلىق مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، خوجىلىق مۇلازىمىتى كارخانىسىنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسى ۋە كارخانىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خوجىلىق مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئىناۋەتنى باھالاش كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈپ، ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ باھالاش پىكرىنىڭ ۋەزنىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  62 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس خوجىلىق باشقۇرغۇچىنى مۇناسىۋەتلىك ھەقلەرنى ۋاكالىتەن يىغىشقا ۋە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىشقا زورلىسا بولمايدۇ.

  ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل ئورگانلار خوجىلىق باشقۇرغۇچىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئېغىرلىتىدىغان قارار چىقارسا بولمايدۇ.

  63 – ماددا خوجىلىق باشقۇرغۇچىلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.

  خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھەنى ئاسراش، پاكىزلاش، كۆكەرتىش قاتارلىقلارغا سۇ ھەققى ئېلىشتا، كۆكەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان سۇ باھاسى ئىجرا قىلىنىدۇ؛ توك، گاز ئىشلىتىدىغانلىرىدا ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان توك، گاز باھاسى ئىجرا قىلىنىدۇ.

  2 – پاراگراف خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى

  64 – ماددا خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ۋە بازار تەڭشەلمە باھاسى بويىچە ئېلىنىدۇ. ئادەتتىكى تۇرالغۇلارنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى ۋە كاپالەتلىك تۇرالغۇنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى بويىچە ئېلىنىدۇ، باشقا خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى بازار تەڭشەلمە باھاسى بويىچە ئېلىنىدۇ.

  ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى يولغا قويۇلغانلىرىدا، باھا مەسئۇل تارمىقى ئۆي – زېمىن مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، ئۆي – ئىمارەت تۈرى، مۇلازىمەت مەزمۇنى، مۇلازىمەت دەرىجىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، مۇناسىپ ئاساسىي باھا ۋە لەيلىمە دەرىجىسىنى بېكىتىشى ھەمدە باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، باھانى مۇۋاپىق ۋاقىتتا تەڭشەپ، جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

  بازار تەڭشەلمە باھاسى يولغا قويۇلغانلىرىدا، خوجىلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلىماقچى بولغان مۇلازىمەت تۈرىنىڭ تەننەرخىنى ھېسابلىشى ھەمدە خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامىدا مۇلازىمەت ئۆلچىمى، مۇلازىمەت سۈپىتى، ھەق ھېسابلاش ئۇسۇلى قاتارلىقلار توغرىسىدا پۈتۈشۈشى كېرەك.

  ھۆكۈمەتنىڭ تاۋار ئۆي ئولتۇراق رايونىغا يانداش سالغان كاپالەتلىك تۇرالغۇلىرىدا، كاپالەتلىك ئائىلىلەر خوجىلىق مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجە ئۆلچىمىنى ئايرىم تاللاشقا ئامالسىز قالسا، شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كاپالەتلەندۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭ خوجىلىق مۇلازىمىتى ھەققى تاپشۇرۇشىغا تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.

  65 – ماددا سېتىلمىغان ياكى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلمىغان ئۆي – ئىمارەتنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان ئۆي – ئىمارەتنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى ئۆي ئىگىلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار بىلەن ئۆي ئىگىلىرى ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

  66 – ماددا خوجىلىق باشقۇرغۇچى باھا باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى ۋە خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامىدا پۈتۈشكىنىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەق ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتسە، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرسە، تەكرار ھەق ئالسا، مەجبۇرىي مۇلازىمەت قىلسا ياكى باشقىچە يول بىلەن مەجبۇرىي مۇلازىمەت قىلسا ھەمدە بۇنىڭدىن ھەق ئالسا ۋە ياكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ، باھا ئۆلچىمىنى ئاشكارىلىمىسا، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى ئارتۇق ئالىدىغان قىسمىنى توسۇشقا ياكى تۈزىتىشكە ھوقۇقلۇق، ئۆي ئىگىلىرى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  خوجىلىق باشقۇرغۇچى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا، ئۆي ئىگىلىرى خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە تاپشۇرۇشى كېرەك، تاپشۇرماي تۇرۇۋېلىشقا ياكى قەستەن كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

  67 – ماددا ئۆي ئىگىلىرىدىن ئۆي – ئىمارەتنى باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا بېرىپ، خوجىلىق ھەققىنى ئۆي – ئىمارەتتىن پايدىلانغۇچى تاپشۇرىدۇ، دەپ پۈتۈشكەنلىرى ئۆي – ئىمارەتتىن پايدىلانغۇچىنىڭ پۈتۈشكىنىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ ئۆي – ئىمارەتتىن پايدىلانغۇچى خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى نېسى قالدۇرسا، ئۆي ئىگىسى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  ئۆي ئىگىلىرى ئۆي – ئىمارەتنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە، خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك.

  68 – ماددا سۇ، توك، گاز، پار بەرگۈچى ئورۇنلار ئاخىرقى خېرىدارلاردىن بىۋاسىتە ھەق ئېلىشى كېرەك، خوجىلىق باشقۇرغۇچىلارنى يىغىپ بېرىشكە زورلىسا بولمايدۇ. خوجىلىق باشقۇرغۇچى سۇ، توك، گاز، پار ھەققىنى ۋاكالىتەن يىغقان بولسا، ئۆي ئىگىلىرىدىن رەسمىيەت ھەققى قوشۇپ ئېلىشقا بولمايدۇ.

  خوجىلىق باشقۇرغۇچى ئۆي ئىگىلىرى خوجىلىق ھەققىنى نېسى قىلدى دەپ، ئۆي ئىگىسىنىڭ سۇ، توك، گاز، پار سېتىۋېلىش كارتىلىرىغا قىممەت تولۇقلىشىغا چەك قويۇپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈشىگە بولمايدۇ.

  6 – باب ئۆي – ئىمارەتنى رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش

  1 – پاراگراف ئۆي – ئىمارەتنى رېمونت قىلىش، ئاسراش جاۋابكارلىقى

  69 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن رېمونت كاپالەت دائىرىسى ۋە رېمونت كاپالەت مۇددىتى بويىچە، ئۆي – ئىمارەتنىڭ رېمونت كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن رېمونت كاپالەت جاۋابكارلىقىنى خوجىلىق باشقۇرغۇچىغا ھاۋالە قىلغان بولسا، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدە ئېلان قىلىشى كېرەك، ئۆي ئىگىلىرىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرى قانۇن بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن خوجىلىققا ئالاقىدار ئەرزلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك. ئۆي – ئىمارەتلەردە ساقلانغان نۇقسان رېمونت كاپالەت دائىرىسى ۋە رېمونت كاپالەت مۇددىتى ئىچىدە بولسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ۋاقتىدا تىزىملاپ تەكشۈرۈپ، ئۆي ئىگىلىرى، خوجىلىق باشقۇرغۇچى بىلەن رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى، مۇددىتى قاتارلىقلار ئۈستىدە كېڭىشىشى كېرەك. ئۆي – ئىمارەتنىڭ سۈپىتىدە نۇقسان ياكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بار بولغانلىقتىن، ئىشلىتىشكە تەسىر يەتكەن بولسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى ئۇ ھاۋالە قىلىنغان خوجىلىق باشقۇرغۇچى قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە كېلىپ چىققان زىياندا قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  70 – ماددا ئۆي – ئىمارەتنىڭ رېمونت كاپالەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۆينىڭ خاس قىسمىنى ئاسراش، رېمونت قىلىشقا ئۆي ئىگىسى مەسئۇل بولىدۇ.

  ئۆينىڭ خاس قىسمىدا بىخەتەرلىككە، جامائەت مەنپەئىتىگە ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۆي ئىگىسى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى، قوشنا ئۆي ئىگىلىرى قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  71 – ماددا ئۆي – ئىمارەتنىڭ رېمونت كاپالەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئىمارەتنىڭ ئورتاق قىسمى ۋە تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھەسىنى رېمونت قىلىش، ئاسراشقا خوجىلىق باشقۇرغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. لىفىت، پار قازىنى قاتارلىق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئاسراش، رېمونت قىلىشقا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ياكى مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئېرىشكەن كەسپىي رېمونت ئورنى مەسئۇل بولىدۇ.

  72 – ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدە سۇ، توك، گاز، پار بېرىش، خەۋەرلىشىش، سىملىق تېلېۋىزىيە قاتارلىق كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرى ئائىلە بويىچە مىقدار ھېسابلاش قۇرۇلمىسى ياكى ئائىلىلەرگىچە ئۇلاش ئۇچىدىن باشقا ئەسلىھەنى ئاسراش، رېمونت قىلىش ۋە يېڭىلاش مەسئۇلىيىتىنى ۋە مۇناسىپ ھەقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرى كەسپىي تىجارەت ئەسلىھەسىنى رېمونت قىلغان، ئاسرىغان ۋە يېڭىلىغاندا، ئۆي ئىگىلىرى ماسلىشىپ بېرىشى كېرەك.

  2 – پاراگراف تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغى

  73 – ماددا مەخسۇس رېمونت مەبلىغى ئورتاق قىسىم، تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھەنىڭ رېمونت كاپالەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى ئاسراش، رېمونت قىلىش ۋە يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى تاپشۇرۇش، داۋاملىق تاپشۇرۇش، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

  74 – ماددا مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، رېمونت قىلىنىدىغان، يېڭىلىنىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان ئورتاق قىسمى، تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھەدىن پايدىلىنىدىغان ئەڭ كىچىك بىرلىكنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ھەم خاس قىسمى ئىمارەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەك بولغان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك. ئۆينى بىخەتەر ئىشلىتىشكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكىدەك جىددىي ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ئىجرا ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، خوجىلىق باشقۇرغۇچى ئۇنى رېمونت قىلىش، يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنغا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ، دەل ۋاقتىدا جىددىي رېمونت قىلىشقا تەشكىللەشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى، رېمونت قىلىش نەتىجىسى، خىراجەت چىقىمى قاتارلىقلارنى خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدە ئېلان قىلىش، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك:

  (1) ئۆگزىنىڭ سۇ ئۆتمەس قاتلىمى بۇزۇلۇپ، سۇ ئۆتۈپ كەتسە؛

  (2) لىفىتتىن كاشىلا چىقىپ، ئىشلىتىشتىن توختاپ بولسا؛

  (3) ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خەتەرلىك ئۆي دەپ باھالاپ، پۇختىلاش، رېمونت قىلىشقا توغرا كەلگەن بولسا؛

  (4) ئۆينىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئۆرۈلۈش، سويۇلۇپ چۈشۈش خەتىرى بولسا؛

  (5) تەڭ پايدىلىنىدىغان ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى، ئۈسكۈنىسى بۇزۇلۇپ، ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، ئوت ئۆچۈرۈش ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولسا؛

  (6) ئۆينىڭ بىخەتەر ئىشلىتىلىشىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.

  دۆلەتنىڭ كونا ئولتۇراق رايونىنى ئۆزگەرتىش ۋە كونا لىفىتلارنى يېڭىلاشقا رېمونت مەبلىغى ئىشلىتىش توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

  7 – باب كونا ئولتۇراق رايونىنىڭ خوجىلىقىنى باشقۇرۇش

  75 – ماددا يانداش ئەسلىھەسى تولۇق بولمىغان، مۇھىت سۈپىتى بىرقەدەر ناچار بولغان كونا ئولتۇراق رايونلىرىنى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ ئۆزگەرتىشى، ئۆزگەرتىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلاننى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

  76 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى بىرقەدەر ئاز بولغان كونا ئولتۇراق رايونلىرىغا نىسبەتەن، شەھەرلىك ياكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خوجىلىق باشقۇرۇش رايونلىرىنى مۇۋاپىق بىرىكتۈرۈشى لازىم ياكى بىرقانچە كونا ئولتۇراق رايونىنى باشقۇرۇشنى بىر خوجىلىق مۇلازىمىتى كارخانىسى ياكى باشقا باشقۇرغۇچىغا ئورتاق ھاۋالە قىلىشنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.

  77 – ماددا كونا ئولتۇراق رايونلىرى ئىچىدىكى يول، يورۇتۇش ئەسلىھەسى، يېشىللىق، ئوت مۇداپىئە، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئەسلىھەسى، خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش مەبلىغىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئەسلىھە يۈرۈشلەشمەسلىكتەك قالدۇق مەسىلىلەر بولسا، ئەسلىدىكى مۈلۈكدار ئورۇن ياكى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ؛ كونا ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ سۇ، توك، گاز، پار بېرىش، خەۋەرلىشىش، سىملىق تېلېۋىزىيە قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى جامائەت ئەسلىھەسى، ئۈسكۈنىسىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش مەبلىغىنى كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  78 – ماددا شارائىت ھازىرلىغان كونا ئولتۇراق رايونلىرىدا، ئۆزگەرتىش، تۈزەشكە بىرلەشتۈرۈپ، تىجارەتلىك ئۆي، گاراژ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ، پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى بېجىرگەندە، سىغىم نىسبىتى ۋە ئىمارەتنىڭ زىچلىق نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرسە بولىدۇ. يېڭى سېلىنغان تىجارەتلىك ئۆي، گاراژ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، تىجارەت پايدىسىنى ئۆزگەرتىش، تۈزەش مەبلىغىنىڭ كېمىنى تولۇقلاشقا ئىشلەتسە ياكى تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىگە كىرگۈزۈپ باشقۇرسا بولىدۇ.

  79 – ماددا ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى كونا ئولتۇراق رايونلىرىدا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشىغا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  80 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن بۇ نىزامنىڭ 10 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقى، 20 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى، ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامى، ۋاقىتلىق باشقۇرۇش قائىدىسىنى كۆرسەتمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  81 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 15 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى گاراژ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن نېرى – بېرى قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئۆي ئىگىلىرىگە زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  82 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 21 – ، 22 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەلەپكە يەتمىگەن ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي – ئىمارەتنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىرىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى يىغىشىغا بولمايدۇ ھەمدە ئۇلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش توختامىدىكى باھانىڭ %2 ىدىن يۇقىرى، %4 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  خوجىلىق باشقۇرغۇچىلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەلەپكە يەتمىگەن ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي – ئىمارەتنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىرىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى يىغىشىغا بولمايدۇ ھەمدە ئۇلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  83 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار، خوجىلىق باشقۇرغۇچىلار، كەسپىي رېمونت ئورۇنلىرى، كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، رېمونتقا كاپالەتلىك قىلىش، رېمونت قىلىش، ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئۆي ئىگىلىرىگە زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  84 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئەزالىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 40 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق پۇل – مېلىنى ئىشلىتىۋالغان، ئىگىلىۋالغانلار، ھەق سورىغان، قوبۇل قىلغانلار ۋە نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىۋالغانلار ئۇنى قايتۇرىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  85 – ماددا ئۆي ئىگىلىرى، خوجىلىق باشقۇرغۇچىلار ۋە ئۆي – ئىمارەتتىن پايدىلانغۇچىلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 45 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ مەمۇرىي باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلاش، قۇرۇلۇش، ئۆي – زېمىن، شەھەر باشقۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى خىزمەت مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  86 – ماددا خوجىلىق باشقۇرغۇچىلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 59 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامىنى بىكار قىلغان، ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، چېكىنىپ چىقىش رەسمىيىتى بېجىرمىگەنلىرىگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  87 – ماددا خوجىلىق باشقۇرغۇچىلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 66 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەق ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن، ھەق ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن، تەكرار ھەق ئالغان، مەجبۇرىي مۇلازىمەت قىلغان ياكى باشقىچە يول بىلەن مەجبۇرىي مۇلازىمەت قىلغان ھەم ھەق ئالغان ۋە ياكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ باھانى ئاشكارىلىمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە، قائىدىگە خىلاپ ئالغان ھەقنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.

  88 – ماددا خوجىلىق باشقۇرغۇچىلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 68 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋاكالىتەن يىغىدىغان سۇ، توك، گاز، پار ھەققىگە ئۆي ئىگىلىرىدىن رەسمىيەت ھەققى قوشۇپ ئالغان ياكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ سۇ، توك، گاز، پار كارتىلىرىغا قىممەت تولۇقلاشنى چەكلەپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە، قوشۇپ ئالغان ھەقنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.

  89 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي – زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇنىڭدەك باشقا مەمۇرىي مەسئۇل تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ:

  (1) خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىنى بەلگىلەنگەن مۇددەت، شەرت بويىچە ئايرىمىغانلار؛

  (2) بەلگىلىمە بويىچە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى تەييارلىق گۇرۇپپىسى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇشقا بەلگىلىمە بويىچە تەشكىلاتچىلىق، يېتەكچىلىك قىلمىغان ياكى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتىنىڭ سايلىمىغا ئارىلىشىۋالغان، توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

  (3) تاپشۇرۇۋالغان ئەرز – شىكايەتنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

  (4) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىقتەك باشقا ئەھۋاللار.

  90 – ماددا بۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، جازا كېلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن – نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  9 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  91 – ماددا بۇ نىزامدىكى تۆۋەندىكى سۆز – ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

  (1) سىغىم نىسبىتى دېگىنىمىز، قۇرۇلۇش يېرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىدىغان يىرىك پىلان كونترول كۆرسەتكۈچىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ قۇرۇلۇش يېرى يىرىك پىلان ئىجازىتى دائىرىسىدىكى ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى بىلەن ئىشلىتىلگەن يەر كۆلىمىنىڭ سېلىشتۇرما قىممىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.

  (2) باشقا باشقۇرغۇچى دېگىنىمىز، مەھەللە (شەھەر ئاھالە كومىتېتى)دە قانۇن بويىچە قۇرۇلغان خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمەت تەشكىلاتى ياكى تازىلاش، پاكىزلاش، قار – مۇز تازىلاش، چارلاش، ئامانلىق ساقلاش، كۆكەرتىشنى باشقۇرۇش، ئۆي رېمونت قىلىش ۋە ئەسلىھەنى ئاسراش، جىددىي رېمونت قىلىش، تۇرۇبىلارنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى قىلىدىغان كەسپىي مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  (3) ئورتاق قىسىم دېگىنىمىز، ئىمارەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قۇرۇلمىسىنىڭ ئۇلى، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تېمى، تۈۋرۈكى، لىمى، پولى، ئۆگزىسى شۇنىڭدەك تاشقى تېمى، دەھلىز، پەلەمپەي ئۆيى، كارىدور، دالان، توسقۇچ، رېشاتكا، لىفىت قۇدۇقى، پاناھ قەۋىتى، ئۈسكۈنە ئۆيى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

  (4) تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھە دېگىنىمىز، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى ئىمارەتنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھە، ئۈسكۈنىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاساسلىقى لىفىت، سۇ پومپىسى، سۇ ساندۇقى، ئانتېننا، كارىدور چىرىغى، چاقماق قايتۇرۇش قۇرۇلمىسى، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى، سۇ بېرىش، سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسى، ئورتاق ئىسسىنىش ۋە ھاۋا تەڭشەش تۇرۇبا – ئۈسكۈنىسى، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى يول، يېشىللىق، سۈنئىي مەنزىرىلەر، يول چىرىغى، ئېرىق، كۆلچەك، قۇدۇق، ئېكرانلىق كۆزەتكۈچ، ئىشىك توسىقى، قاشا، ئەخلەت ساندۇقى، پاراۋانلىق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئەسلىھەسى ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى جامائەت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسى شۇنىڭدەك تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھە ئۆيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  92 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇشۇ نىزامغا ئاساسەن، خوجىلىق باشقۇرۇشقا دائىر كونكرېت بەلگىلىمە ۋە چارە تۈزسە بولىدۇ.

  93 – ماددا بۇ نىزام 2017 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى يەڭدى
  • بۇ يىل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇلىدۇ
  • شەرق شامىلى سېتروئىن ئاپتوموبىل شىركىتى C4 AIRCROSS تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى