تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۆز تورلىشىشنى داۋالىغىلى بولامدۇ

     ئادەم قېرىغاندا كۆز تورلىشىشتىن ساقلىنىپ بولالمايدۇ، بۇ ھال ئادەمنى ھەقىقەتەن بىئارام قىلىدۇ. بىراق كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېيىشتى: « پەن-تېخىنىكىنىڭ تەرەققىياتى كۆز تورلىشىشنى داۋالايدىغان ئۇسۇللارنى كۆپەيتتى، شۇنداقتىمۇ ئوپېراتسىيە قىلىپ تۈزەش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئوپېراتسىيە قىلماي تۈزەش رامكىلىق كۆزەينەك ياكى كۆزگە سېلىۋالغىلى بولىدىغان ئەينەك ئارقىلىق داۋالاشقا قارىتىلغان، ئەمما رامكىلىق كۆزەينەك ئارقىلىق بۇ كېسەلنى داۋالاشنىڭ تارىخى ئۇزاق، شۇنداقلا ئەڭ ئاددىي داۋالاش ئۇسۇلى».

     مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«ھازىر ياشانغانلار تاقاۋاتقان رامكىلىق كۆزەينەكنىڭ پايدىلىق تەرىپى شۇكى، ئۇ ئەرزان ھەم تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ئاددىي، ئەمما پەقەت يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلارغا باب كېلىدۇ؛ شۇڭا مەيلى قانداقلا كۆزەينەك بولسۇن، كۆزنى ئېنىق تەكشۈرتكەندىن كېيىن تاقاشقا توغرا كېلىدۇ، بولمىسا كېسەلنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ، شۇڭا كۆزەينەك سەپلەش ئۈچۈن يەنىلا دوختۇرخانىغا بارماي بولمايدۇ».

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى