بىلىش كېرەككى، ئادەم پۇلىنىڭ كۆپلۈكىنى كۆز-كۆز قىلمىغىنى ياخشى، چۈنكى دوختۇرخانىدا ئۇ بىر قەغەزگە ئايلىنىدۇ؛
قىلىۋاتقان خىزمىتىنى كۆز-كۆز قىلىشمۇ بىمەنىلىك، چۈنكى ئۇ ئادەم يىقىلسا، ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئۇنىڭدىنمۇ قالتىس قىلىدىغانلار چىقىدۇ؛
ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىنى كۆز-كۆز قىلىشمۇ ئەخمەقلىق، چۈنكى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسىلا، ئۇ باشقىلارغا ئۇۋا بولىدۇ؛
ھەيدەۋاتقان پىكاپىنى كۆز-كۆز قىلىش ئەڭ چۇڭ دۆتلۈك بولسا كېرەك، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولسىلا، ئۇنىڭ ئاچقۇسى باشقىلارنىڭ ئالقىنىدا پارلايدۇ.
ئەمىسە كۆز-كۆز قىلىشقا بولىدىغان ھېچنەرسە يوقمۇ؟ بار، بولغاندىمۇ يەككە-يېگانە، ئۇ دەل ھەر كىمنىڭ ساغلاملىقى. ھەممە نەرسە سەندىن ئايرىلىشى مۇمكىن، شۇنداق چاغلاردا ساغلام بولساڭلا، قۇياش نۇرىدىن بەھىرلەنگەن ھالدا قېنىق دەملەنگەن چاينىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ، تۇرمۇشنىڭ لەززىتىدىن بەھىرىلىنەلەيسەن!.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى