تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونلۇق سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پوسكام ناھىيەسىدە مېھىر–شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت بارات خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش مەقسىتىدە، يېقىندا مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ، پوسكام ناھىيەسىگە بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەشەببۇس قىلغان تۈمەن كارخانا تۈمەن كەنتكە ياردەم بېرىش بويىچە مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  پائالىيەتتە، كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بۇ ناھىيەنىڭ پوسكام يېزىسى ئۈژمە ئېرىق ۋە قۇتچى كەنتى، سەيلى يېزىسىنىڭ گۈلباغ كەنتى، ئىككىسۇ يېزىسىنىڭ توپىچا ۋە تۆۋەنچاقا كەنتلىرىگە بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سىردىشىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى ماددىي بۇيۇم بىلەن يوقلىدى. ئۇلار يەنە كەنتتىكىلەرگە 50 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى