ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈسۈپجان سىدىق خەۋەر قىلىدۇ: بورتالا ئوبلاستى بۇ يىل مېيىپلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئوبلاستتىكى ئالاقىدار تارماقلار ئالدى بىلەن مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئارزۇسىنى پۇختا ئىگىلىدى، مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسى تەسىس قىلىپ، مېيىپلەرنى ئىشلىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلدى. مېيىپلەرنى ئەسقاتىدىغان كەسىپ تۈرلىرى ۋە تۈرلۈك ئىش ئورنى ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش، ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىنى كۆپەيتتى، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار مېيىپلەرنى ئىگىلىك تىكلەش تۈرى ئايلانما مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى. ھازىرغىچە، ئوبلاست بويىچە 20 قارار مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلىپ، 638 مېيىپ تەربىيەلەندى، بۇ 220 مېيىپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، 10 مېيىپنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى.