تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئاي شارىدىكى ئاجايىپ ئېنېرگىيە مەنبەسى گېلىي ـــ 3

  1868 – يىلى 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئاسترونوملار ‹‹گېلىي›› ئېلېمېنتىنى بايقىغان. گېلىي ـــ 3 گېلىي ئېلېمېنتىنىڭ ئىزوتوپى بولۇپ ئاي شارىدىكى زاپىسى ئىنتايىن مول.

  1996 – يىلى ئالىملار گېلىي ـــ3  نىڭ يادرو پولىمېرلىنىش رېئاكسىيەسىگە ناھايىتى ياخشى يېقىلغۇ بولالايدىغانلىقىنى، گېلىي – 3 نى يېقىلغۇ قىلغان يادرو پولىمېرلىنىش رېئاكسىيەسى ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلغان يادرو پولىمېرلىنىش رېئاكسىيەسىگە قارىغاندا تېخىمۇ بىخەتەر، پاكىز، ئۈنۈملۈك، كونترول قىلىش تېخىمۇ ئاسان بولىدىغانلىقىنى، ھاسىل بولىدىغان رادىيوئاكتىپ ماددىلارنىڭمۇ ناھايىتى ئاز بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

  ئەمما گېلىي ــــ 3 يەر شارىدا ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان يېقىلغۇ بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئومۇمىي زاپىسى 100 كىلوگىرامدىن ئاشمايدىكەن، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى يادرو ئوق بېشىلىرىدىكى ترىتىي (ھىدروگېننىڭ بىر خىل ئىزوتوپى) يىمىرىلگەندە پەيدا بولىدىكەن، ئۇنىڭغا چوڭقۇر دېڭىز گاز قۇدۇقلىرى ۋە يانار تاغ گازلىرىدىكى ترىتىي يىمىرىلگەندە پەيدا بولىدىغان گېلىي 3 لەرنى قوشقاندىمۇ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە بىر يىلدا ئېرىشىدىغان گېلىي 3 نىڭ ئومۇمىي مىقدارى 10 ~ 20 كىلوگىرامدىن ئاشمايدىكەن.

  ئۇنداقتا گېلىي ــــ 3 نى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ؟ ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، گېلىي ـــ 3 نىڭ ئاي شارىنىڭ سىرتقى قاتلىمىدىكى زاپىسى ناھايىتى مول بولۇپ 1 مىليون توننىغا يېتىدىكەن، پەقەت مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىغىچە قىزدۇرسىلا %90 تىن ئارتۇق گېلىي – 3 نى قويۇپ بېرىدىكەن.

  مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر يىلى ئاي شارىدىن 1500 توننا ئەتراپىدا گېلىي 3 قېزىپ ئېلىنسىلا پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداشقا يېتىدىكەن، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ئاي شارىدىكى گېلىي ـــ 3 ئىنسانلارنىڭ 700 يىل ئىشلىتىشىگە يېتىدىكەن.

  گېلىي ــــ 3 نىڭ يەر شارىدا ئاز ئەمما ئاي شارىدا كۆپ بولۇشى، ئاي شارىنىڭ قۇياش بورىنى زەررىچىلىرىنىڭ زەربىسىگە كۆپ ئۇچرىغانلىقىدىن بولغان، ئاي شارىدا ماگنىت مەيدانى بولمىغاچقا گېلىي ــــ 3 زەررىچىلىرى ئاي شارىغا ناھايىتى ئاسانلا ‹‹ماكانلاشقان››. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا يەر شارىدا كۈچلۈك يەر ماگنىت مەيدانى مەۋجۇت بولغاچقا، يەر شارىغا يېقىنلاشقان گېلىي – 3 زەررىچىلىرى يەر ماگنىت مەيدان كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئاتموسفېراغا چېچىلىپ يوقاپ كېتىپ، يەر يۈزىگە يېتىپ كېلەلمەيدىكەن.

  گەرچە ئاي شارى يەر شارىدىن يىراقتا بولسىمۇ، ئاي شارىدا گېلىي ــــ 3 نى قېزىپ، پىششىقلاپ ئىشلەپ، يەر شارىغا توشۇپ كېلىپ توك تارقىتىشنىڭ ئۈنۈمى يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، ئالەم كېمىسى بىر قېتىمدا 20 توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان گېلىي ــــ 3 نى ئاي شارىدىن يەر شارىغا توشۇپ كەلسە، ئامېرىكىنىڭ بىر يىللىق توك تارقىتىش يېقىلغۇ ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىكەن. ئەگەر ئاي شارىدا گېلىي ــــ 3 تىن بىۋاسىتە توك ھاسىل قىلىپ يەر شارىغا بىۋاسىتە يوللىسا، ئالەم كېمىسىنىڭ توشۇش خىراجىتى تېجىلىپ، توك تارقىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

  نۈسرەتگۈل ئۆمەر تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى