ياشانغانلار، تېنى ئاجىزلار ياكى كېسەلدىن ئەمدىلا ساقايغان ئاغرىقلار توخۇ شورپىسى ئىچىپ، قۇۋۋەت تولۇقلىماقچى بولىدۇ، ھەتتا بەزىلەر خاتا ھالدا توخۇ شورپىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى توخۇ گۆشىدىن يۇقىرى دەپ قارايدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، توخۇ شورپىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى توخۇ گۆشىدەك يۇقىرى بولمايدىكەن. تەتقىقاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، توخۇ شورپىسىنى ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى ئىلمىي بولمىسا، ئەكسىچە ئاشقازان – ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. بولۇپمۇ قاندىكى خولېستېرول مىقدارى يۇقىرى، قان بېسىمى يۇقىرى، ئاشقازان كىسلاتاسى ئارتىپ كەتكەنلەر، ئۆت يولىغا تاش چۈشكەن ئاغرىقلار ۋە بۆرەك ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان كىشىلەر توخۇ شورپىسىنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، قاندىكى ماي، قاندىكى ئورىك كىسلاتا (سۈيدۈك كىسلاتا)سى، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشانغانلار توخۇ شورپىسىنى كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ.
ئابلەت ئابلىز تەرجىمىسى