تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

مېڭە قان تومۇر ئۆسمىسىنىڭ بېشارەتلىرى

  مېڭە قان تومۇر ئۆسمىسى يېرىلىش، قاناش خاراكتېرىدىكى مېڭە سەكتىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھەرقاچان ئادەم ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەمما ھەرقانچە يوشۇرۇن كېسەلنىڭمۇ ئالدىن بېشارەتلىرى بولىدۇ، بالدۇر بايقىغاندا خەۋپ – خەتەرنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

  باش ئاغرىش. باش ئاغرىش مېڭە ئارتېرىيە ئۆسمىسى ئاغرىقلىرىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، %90 مېڭە قان تومۇر ئۆسمىسى ئاغرىقلىرىدا كۆرۈلىدۇ. باش ئاغرىقى ئادەتتە سەھەر سائەت تۆتتىن – بەشكىچە بولغان ئارىلىقتا كۆرۈلىدۇ، بەزى ئاغرىقلار باش ئاغرىقىدىن ئويغىنىپ كېتىدۇ، ئورنىدىن تۇرۇپ يېنىك ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن باش ئاغرىقى ئاستا – ئاستا پەسىيىدۇ ياكى يوقىلىدۇ. يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش ۋە ماغدۇرسىزلىنىش، جىددىي ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلار مېڭە بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، باش ئاغرىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

  كۆرۈش سېزىمى توسالغۇغا ئۇچراش. قان تومۇر ئۆسمە كېسەللىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان مېڭە بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى كۆز ئالمىسىنىڭ قان ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، كۆزنىڭ كۆرۈش ھۈجەيرىسىگە زىيان سېلىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاغرىقلاردا دەسلەپكى مەزگىلدە كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، قوش كۆرۈش، ئالغاي، كۆرۈش دائىرىسى زىيانغا ئۇچراش ياكى بىر تەرەپتىكى كۆز ئالمىسى گەۋدىلىك بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئۆسمە تۈپەيلىدىن كۆرۈش نېرۋىسى بېسىلىشقا ئۇچرىسا، ئاغرىقنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى تۇيۇقسىز چېكىنىشى، ھەتتا كۆرمەس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

  كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش. كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش نۇرغۇن ئاغرىقلاردا تۇنجى كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، بۇنداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە باش قېيىش ۋە باش ئاغرىش ئەھۋاللىرى بىللە يۈز بېرىدۇ. ئاغرىقتا كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش كېسەللىك ئالامىتى سەھەردە ئاچ قورساق ۋاقتىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى يېمەكلىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان كۆڭلى ئېلىشىش ۋە قەي قىلىش خاراكتېرلىك ياندۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، دائىم جىددىي باش ئاغرىش ۋە باش قېيىشتىن كېيىن پەيدا بولىدۇ.

  ھەرىكەت توسالغۇغا ئۇچراش. يول ماڭغاندا تۈز ماڭالماسلىق، ماغدۇرسىزلىنىش بەزى ياشانغانلارنىڭ قېرىپ ماغدۇرىدىن كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، بىراق بۇ بەلكىم مېڭە قان تومۇر ئۆسمىسىنىڭ دەسلەپكى بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. قان تومۇر ئۆسمىسى ھەرىكەت ياكى سەزگۈنى كونترول قىلىدىغان رايونغا جايلاشقان بولۇپ، يول ماڭغاندا تۈز ماڭالماسلىق ۋە ماغدۇرسىزلىنىشتىن باشقا يەنە پۇت – قولنىڭ كالۋالىشىشى ۋە سۆزلىگەندە ئېنىق سۆزلىيەلمەسلىك قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  روھىي جەھەتتە نورمالسىزلىشىش. نۇرغۇن كىشىلەر 50~ 60 ياشقا كەلگەندە مىجەزى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ بىرەر ئىشقا يولۇققاندا جىددىيلىشىش ۋە سەۋرچان بولماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ كىلىماكتېرىيە مەزگىلىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بىلىشىمىز كېرەككى، مېڭە قان تومۇر ئۆسمىسىمۇ كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەمنىڭ قىسمەن كەيپىيات پائالىيىتى چوڭ مېڭىدىكى پېشانە ئالدىنقى بۆلىكىنىڭ قىسمەن كونترول قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، مېڭە قان تومۇر ئۆسمىسى پېشانە ئالدىنقى بۆلىكىنىڭ روھىي پائالىيىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ھاياجانلىنىش، ئالدىراقسان بولۇش ۋە قايغۇرۇش قاتارلىق روھىي جەھەتتە نورمالسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىپادە ھېسابلىنىدۇ.

  شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەدەندىكى ئۆزگىرىشلەرگە كۆپرەك دىققەت قىلىپ، يۇقىرىقىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ئۆز ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.

  مۇھەممەت تۇراپ تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى