تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللار سۈت ئىچىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت

   سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، لېكىن سۈت ئىچكەندە بىر قىسىم ئىشلاردىن  پەرھىز تۇتۇش كېرەك، مەسىلەن، سۈتنى قانداق ۋاقىتتا ئىچسە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ؟ ئىچىپ بولغاندىن كېيىن قايسى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك ؟ نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟ دېگەندەك.

ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن

   ئەتىگەنلىك ناشتا ئادەم بەدىنىدىكى بىر كۈنلۈك ئېنىرگىيەنىڭ كېلىش مەنبەسى. سۈت بولسا ئاسان ھەزىم بولىدىغان تەبىئىي يېمەكلىك بولۇپ،  تەركىبىدە ئاقسىل، كالتسىي، ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول. ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن سۈت ئىچكەندە، بىر كېچە ئاچ قورساق ھالەتتىكى ئاشقازان – ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ، بەدەننى ئوزۇقلۇق ۋە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

   ئەتىگەندە ئاچ قورساق سۈت ئىچىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك، چۈنكى سۈت ئېقىشچان ماددا بولۇپ، ئاچ قورساق ئىچكەندە ئاشقازان ئارقىلىق سىرتقا چىقىپ، ئارىسىدىكى ئاقسىل قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار تولۇق ھەزىم بولماي تۇرۇپ، ئۈچەي يولىغا كىرىپ، ئاسان پارچىلىنىپ، ئېنىرگىيە خوراپ كېتىدۇ ھەم لاكتوزىغا چىدامسىزلىق كېسەللىك ئالامىتى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتىن بۇرۇن

  بۇ ۋاقىتتا ئادەم  چارچاش، ھېرىش ھېس قىلىپ، ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.سۈت تەركىبىدىكى مول ئاقسىل، خام قايماق ئادەم بەدىنىگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ روھلاندۇرىدۇ.

ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن

   سۈت تەركبىدە ترىپتوفان L ماددا، مورفىن تۈرىدىكى ماددىلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، سۈت تەركىبىدىكى كالىتسىينىڭ جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىش رولى بار. ئۇنىڭدىن سىرت، ئادەم ئۇيقۇغا كىرگەندىن كېيىن، ئادەم قېنىدىكى كالىتسىي تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچكەن سۈت قاندىكى كالىتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىنلەپ، تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلاپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈت ئىچسە كالىتسىينىڭ قوبۇل قىلىشىغا پايدىلىق.

زاۋۇتتىن ئىشلىنىپ چىققان كۈندىكى بىر ئاي ئىچىدە ئىچىش كېرەك

بۇ يەردە دېيىلگىنى تاللا بازاردا سېتىلىدىغان ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدىكى سۈتنى كۆرسىتىدۇ، ئاز ساندىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق پاستېر سۈت بۇنىڭ سىرتىدا. ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان سۈتتە چۆكمە پەيدا بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى