تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

2018-يىلى ياپونىيە ئايرودۇرۇمى ئادەم يۈزىنى پەرق ئېتىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ

  ياپونىيە پاناسونىك شىركىتى يېقىندا بىر تۈرلۈك يېڭى تېخنىكىنى ئېلان قىلدى، بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ئايرودۇرۇمدا يولۇچىنىڭ پاسپورتىغا قارىتا «چىراي پەرقلەندۈرۈش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، چېگرادىن كىرىش-چىقىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا بولىدىكەن.

  بۇ تېخنىكا بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئالدى بىلەن توكيو نارىتا ئايرودرومىدا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، 2018-يىلىدىن باشلاپ باشقا ئايرودۇرۇملارغا داۋاملىق كېڭەيتىش پىلانلانغان. «ئادەم يۈزىنى پەرق ئېتىش» ئېلېكتىرونلۇق ئىشىك ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ-چىقىش رەسمىيىتىنى بىجىرگەندە يولۇچىلار پەقەت پاسپورتىنى يېنىدىكى پەرق ئېتىش ماشىنىسىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ يۈزىنى پەرق ئېتىش ماشىنىسىدىكى ئەينەككە قاراپ پەرقلەندۈرسىلا رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولىدىكەن.

  پەرق ئېتىش ماشىنىسى پاسپورتنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان IC ئۆزەكتىكى يۈز قىسمى سۈرىتىنى يولۇچىلارنىڭ يۈز قىسمى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئەگەر ئىككىسى بىردەك بولسىلا ئېلېكترونلۇق ئىشىك ئاپتوماتىك ئېچىلىدىكەن.

  پاناسونىك شىركىتى يەنە سۈرەت توغرىلاش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى بۇ ماشىنىغا قوللانغان بولۇپ، گەرچە يېشى چوڭ، گىرىم قىلغان ياكى چاچ شەكلىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ پەرق ئېتىش ماشىنىسى يەنىلا پەرق ئېتەلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى