دۆلىتىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تېلېتېخنىكا ئوتتۇزىنچى نومۇر 03-گۇرۇپپا سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى
مۇھەررىر :
رەنا دانىيار
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2017/12/27 10:41
شىنخۇا تورى خەۋىرى: دۆلىتىمىز شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىكى ئۇزۇن سەپەر ئىككىنچى نومۇرلۇق B توشۇغۇچى راكىتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تېلېتېخنىكا ئوتتۇزىنچى نومۇر 03-گۇرۇپپا سۈنئىي ھەمراھىنى ئاسمانغا قويۇپ بەردى. سۈنئىي ھەمراھ ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىرىپ، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
ئىگىلىنىشىچە، تېلېتېخنىكا ئوتتۇزىنچى نومۇر 03-گۇرۇپپا سۈنئىي ھەمراھى كۆپ يۇلتۇز گۇرۇپپىسى تورى ئەندىزىسىنى قوللانغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئېلېكتروماگنىتلىق مۇھىت تەكشۈرۈش ۋە ئالاقىدار تېخنىكا سىنىقىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر :
راھىلە ئېزىز
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.