شىنخۇا تورى خەۋىرى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى شېڭ لەييۈن يېقىندا تاراتقۇلار زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پائال ئىزدىنىپ، «ئۈچ يېڭى» تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردى، كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىش مۆلچەرلەندى، يېقىندا يەنە يېشىل تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىنىدۇ.
شېڭ لەييۈننىڭ ئېيتىشىچە، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى بولسا ئېلىمىزدە ئىقتىساد يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا ئۆتكەن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تەرەققىيات پىكىر يولىنى بېكىتىش، ئىقتىسادىي سىياسەتنى تۈزۈش، ماكرو جەھەتتىن تىزگىنلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىكتە شەكىللەندۈرىدىغان كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، ئۆلچەم سىستېمىسى، ئىستاتىستىكا سىستېمىسى، ئۈنۈم باھالاش، خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاش، تۈزۈم مۇھىتىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر ئىكەن.