قىچىشقاق ئادەتتە قىچىشقاق سالجىسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە بەدەندىكى غەيرىي تەبىئىي سەۋدا سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بارماق ئارىلىقى، يوتا، قورساق قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۇششاق مودۇرلار پەيدا بولۇپ، قاتتىق قىچىشىش، قىچىشىش كېچىسى بەكرەك كۈچىيىپ كېتىش، قاشلاش نەتىجىسىدە تېرە شەلۋەرەپ، سۇلۇق قاپارتقۇ ۋە تېرە زەخمىلىرى پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
قىچىشقاق كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى: بىر گىرام كەرەپشە ئۇرۇقى، 10 گىرام تاۋۇز ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، 10 گىرام سېرىقماي بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ، كۈنىگە بىر قېتىم ياتار ۋاقىتتا يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى