تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

گۈزەل يۇرت–ماكاننى ئورتاق قۇرۇۋاتقانلار

‹‹مەملىكەت بويىچە 5–نۆۋەتلىك مەدەنىي كەنت (بازار)›› شەرىپىگە ئېرىشكەن ئۈستۈنكى قۇرباغ كەنتى توغرىسىدا

مۇتەللىپ ئابدۇراھمان

  يېقىندا ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى ئۈستۈنكى قۇرباغ كەنتى ‹‹مەملىكەت بويىچە 5-نۆۋەتلىك مەدەنىي كەنت(بازار)›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. بۇ خۇش خەۋەردىن كەنتتىكى 206 ئائىلىلىك، 1168 دېھقان چەكسىز شادلىققا چۆمدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قاتارلىق ئالتە مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ كەنتنى زىيارەت قىلدىم.

  ئاھالىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئېڭى كۈچەيتىلدى

  مەن دېھقان ئايشەم خېلىلنى ئۇچراتقىنىمدا، ئۇ ئىشىك ئالدىنى تازىلاۋاتقان ئىكەن، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ھەر كۈنى سەھەردە ھويلا – ئاران، ئىشىك ئالدىنى پاكىز تازىلايمەن، مۇشۇنداق قىلسام، بۇ يەردىن ئۆتكەنلەر ئازادىلىك، راھەتلىك ھېس قىلىدۇ.

  دېھقان ئايتۇرسۇن ئالىمنىڭ بىر ئېغىز ئۆيى كومپيۇتېر ۋە تۈرلۈك پەن – تېخنىكىغا ئائىت كىتاب – ژۇرنال بىلەن لىق تولغان بولۇپ، مېھمانخانا ئۆيىنىڭ كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىغان يېرىگە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتى ئېسىلغانىدى. ھويلىسىدا ئالما، چىلان قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەر بار ئىكەن، كىچىك پارنىكقا كۆكتات تېرىلىپتۇ، قوتاندىكى ئون نەچچە تۇياق قوي راسا سەمرىگەن بولۇپ، قىش كىرگەن بولسىمۇ ھويلا ئىچى ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.

  ئايتۇرسۇن ئالىم مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 70 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، تۇرمۇشىمىز كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى تولىمۇ ياخشى، بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ مىننەتدار.

  ئۈستۈنكى قۇرباغ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى غەيرەت ھەسەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ‹‹كەنت ئىككى كومىتېتى›› پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، كەنت قائىدىسى، كەنت ئەھدىنامىسى تۈزۈپ، دېھقانلارنى زامانىۋى، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدۇق، كەنتىمىزدىكى تۆت گۇرۇپپىنىڭ ھەممىسىدە سەنئەت ئەترىتى بار، ئايدا بىر قېتىم پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ تۇرىمىز. كەنتىمىزدىكى ئالتە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى پات – پات ئىگە – چاقىسىز ياشانغانلار، مېيىپلەرگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، كەنتىمىز 2014 – يىلىدىن باشلاپ ‹‹ئون ياخشى ئۈلگە›› لەرنى باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، دېھقانلار ئارىسىدا ياخشى پەرزەنت، ياخشى ئەر، ياخشى كېلىن، ياخشى قېيىنئانا، ياخشى قوشنا بولۇشنى تالىشىشتەك قىزغىن كەيپىيات شەكىللەندى.

  كەنت كومىتېتى ئالدىدا تۇرساق، مەززىلىك تائاملارنىڭ پۇرىقى دىمىقىمىزغا ئۇرۇلدى، دېھقان ئوغلەم ئالىمنىڭ ئېرى ئاشپەزلىكنى ئۆگەنگەن بولۇپ، ئۇ كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى››نىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، كەنتتە ئاشخانا ئېچىپتۇ، ئوغلەم ئالىم مۇنداق دېدى: ئاشخانىمىزدا سودا ياخشى بولۇۋاتىدۇ، كىرىمىمىز كۆپىيىپ، تۇرمۇشىمىز كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

  ئۇقۇشىمچە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى›› دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن پائال ئىزدىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىپ كەپتۇ. بۇ يىل ياڭاق يىغىش مەزگىلىدە ‹‹شىننۇڭ›› ياڭاقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئارتۇق ئەمگەكچىلەردىن 40 نى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. يېڭى قۇرۇلغان كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بوپتۇ. كەنتتە يەنە ساتىراشخانا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى دۇكىنى، يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش دۇكىنى، تاللا بازىرى، مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ئېچىلىپ، دېھقانلارنىڭ تۈرلۈك مۇلازىمەت ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ئېشىپتۇ.

  2016 – يىلى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 19 مىڭ 730 يۈەنگە يېتىپتۇ.

  دېھقان گۈلنىسا ھۇشۇر مۇنداق دېدى: ئادەتتە ئالدىراش بولغاچقا، سىرتلارغا چىقىپ نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىشقا، ئىش بېجىرىشكە ۋاقىت چىقىرالمايتتۇق. ھازىر تېلېفون ھەققى تاپشۇرۇش، بانكىدىن پۇل ئېلىش، ماتېرىيال نۇسخىلاش قاتارلىق ئىشلارنى مەھەللىمىزدىلا بېجىرەلەيدىغان بولدۇق. كەنتىمىز خۇددى كىچىك بازارغىلا ئوخشاپ قالدى. ئاخشاملىرى مەھەللىمىز باشقىچە قىزىپ كېتىدۇ.

  كەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى

  دېھقان ئامانگۈل موللاقۇربان مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كەنتىمىزدىكى يوللاردا چىراغ بولمىغاچقا، ئاخشاملىرى سىرتقا چىقىش قولايسىز ئىدى، ھازىر يوللارغا چىراغ ئورنىتىلىپ، كەنت قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى.

  2012 – يىلدىن 2016 – يىلىغىچە ئۈستۈنكى قۇرباغ كەنتىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 10 مىليون 474 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىندى، 13 مىڭ 800 مېتىر يول قاتتىقلاشتۇرۇلدى، يوللارغا 75 دانە قۇياش ئېنېرگىيەلىك چىراغ ئورنىتىلدى، 683 مېتىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ رېمونت قىلىنىپ، سۇغىرىش شارائىتى ياخشىلاندى، 600 ئادەم سىغىدىغان پائالىيەت مەركىزى قۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىشىغا ياخشى سورۇن ھازىرلاپ بېرىلدى.

  ئەمىن ئۆيلەر بىر تۇتاش سېلىنىپ، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەركەزلىك باشقۇرۇلۇپ، كەنت قىياپىتى گۈزەللەشتى... مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەممە كىشى بەھرىمەن بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، دېھقانلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ ئاشتى.

  دېھقان مامۇت توختى مۇنداق دېدى: ھازىر بىزمۇ شەھەرلىكلەردەك ياشايدىغان بولدۇق، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىدىن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتى بويىچە ئۈستۈنكى قۇرباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1 – شۇجىسى جاۋ شى مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ۋە دۆلەت تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بېيىش يولىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، كەنت قىياپىتىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى