قىش پەسلى كۈتۈنۈش پەسلى، ئاياللار قىش پەسلىدە چاي ئىچىپ بەرسە، تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە بەدەندىكى ئارتۇق ياغنى تازىلىغىلى بولىدۇ.
ھەسەل ئارىلاشتۇرۇلغان جۇخار گۈلى چېيى
ھەسەلنىڭ ئاشقازان-ئۈچەينى قوغداش رولى بار، جۇخار گۈلى ئاشقازان-ئۈچىيى بىرقەدەر ئاجىز ئاياللارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ، ھەسەل ئارىلاشتۇرۇلغان جۇخار گۈلى چېيى ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئاشقازان-ئۈچەي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەر كۈنى تاماق يەپ بولۇپ، بىر سائەتتىن كېيىن ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
دولانە قىزىل چېيى
بەل ۋە قورساق قىسىمى سېمىز ئاياللار دولانە قىزىل چېيىنى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ، بۇ چاي زەھەرنى ھەيدەپ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. دولانە تەركىبىدە كۆپ مىقداردا مېۋە كىسلاتاسى ۋە مېۋە يېلىمى بولۇپ، ئۈچەي لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى زەھەرنى تېز سۈرئەتتە چىقىرىپ تاشلايدۇ، دولانە بىلەن قىزىل چاينى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ئەتىرگۈل پۇئېر چېيى
ئەتىرگۈل بىلەن پۇئېر چېيىنى ئارىلاشتۇرۇپ دەملىگەندە تېخىمۇ خۇش پۇراق بولىدۇ. بۇ خىل چاي كەيپىياتنى تەڭشەپ، تېرىنى ياخشىلايدۇ.
سۈت ئارىلاشتۇرۇلغان قىزىل چاي
سۈت ئارىلاشتۇرۇلغان قىزىل چاينىڭ ناھايىتى ياخشى قان تولۇقلاش ئۈنۈمى بار. قىزىل چاي تەركىبىدە مول ئاقسىل بار، سۈت تەركىبىدە مول كالتسىي بار، بۇ خىل چاينى ئىچىپ بەرگەندە پەيلەرنى چىڭىتىپ، تېرىنى ياخشىلايدۇ. ئاياللارنىڭ كۈندە ئەتىگەندە ئىچىپ بېرىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.