تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 2017-يىللىق چارۋىچىلىق بويىچە يېتەكچى سورت ۋە ئاساسلىق كېڭەيتىلىدىغان تېخنىكىلار ئېلان قىلىندى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى يېقىندا 2017-يىللىق چارۋىچىلىق بويىچە يېتەكچى سورت ۋە ئاساسلىق كېڭەيتىلىدىغان تېخنىكىلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى، بۇ چارۋىچىلىق بويىچە يېتەكچى سورت ۋە ئاساسلىق كېڭەيتىلىدىغان تېخنىكىلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرىدىن ئەلا سورتلىرىنى تاللاش ۋە چارۋىچىلىقتىكى ئىلغار ئەمەلىي تېخنىكىلارنى تاللاش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە چارۋىچىلىقىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم كېڭەيتىلىدىغان يېتەكچى سورتلاردىن شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى، جۇڭگو سىممېنتال كالىسى، جۇڭگو خېستان كالىسى، قازاق قويى، ئىلى ئېتى، تۇرپان ئېشىكى، خوتەن قارا توخۇسى، باينىڭ مايلىق توخۇسى، ئىلىنىڭ غېزى، تارىم كەپتىرى، سۆسۈن گۈللۈك چېچەك بېدە، سۇدان ئوتى، قىزىل بۇيا قاتارلىقلار؛ ئاساسلىق كېڭەيتىلىدىغان تېخنىكىلاردىن ئىنەكنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ بېقىش تېخنىكىسى، ئېغىر دەرىجىلىك ھايۋاناتلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇنىۋېرسال تېخنىكىسى، چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرىنىڭ چىقىرىندىلىرىدىن ئېكولوگىيەلىك پايدىلىنىش ئۇنىۋېرسال تېخنىكىسى، يايلاقلاردىكى زىيانلىق ئوت-چۆپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇنىۋېرسال تېخنىكىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى