تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

ئىلى لىن زېشۈ خاتىرە سارىيىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ مەخسۇس تۈر مەبلىغىگە ئېرىشتى

  رەخمەتجان ئەخمەت خەۋەر قىلىدۇ: ئىلى لىن زېشۈ خاتىرە سارىيى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئەڭ چوڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1994 – يىلى قۇرۇلغان. 2009 – يىلى بۇ خاتىرە ساراي مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى قىلىپ بېكىتىلگەن. ھەر يىلى بۇ خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلار نەچچە ئون مىڭ كىشىدىن ئاشىدۇ. ھازىرغىچە بۇ خاتىرە سارىيى كۈتۈۋالغان ئېكسكۇرسىيەچى 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشقان.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن 2008 – يىلى 3 – ئايدىن باشلاپ بۇ خاتىرە سارىيىنى جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋەتكەنىدى. بۇ خاتىرە ساراي جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن ئېكسكۇرسىيەچىلەر يىلدىن – يىلغا كۆپەيگەن بولسىمۇ، كۆرگەزمە زالى كىچىك، كۆرگەزمە مەزمۇنى مۇكەممەل بولماسلىق سەۋەبىدىن ئېھتىياج قاندۇرۇلماي كەلگەنىدى. بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى لىن زېشۈ خاتىرە سارىيىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ مەخسۇس تۈرىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغانىدى. يېقىندا بۇ تۈر تەستىقلاندى.

  لىن زېشۈ خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى جاۋ خوڭجاۋ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم لىن زېشۈ خاتىرە سارىيىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا 9 مىليون 443 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، قۇرۇلۇش كېلەر يىلى 4 – ئايدا باشلىنىپ 10 – ئايدا تاماملىنىدۇ. ھازىر تەييارلىق خىزمەتلىرى پۇختا ئىشلىنىۋاتىدۇ. خاتىرە سارىيىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملانسا خاتىرە سارىيىنىڭ ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى