تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تەم ۋە خاراكتېر

    پىسخولوگلار تالاي تەجرىبىلەردىن كېيىن،  ئادەمنىڭ خاراكتېرى بىلەن يېمەكلىكنىڭ تەمى ئارىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى بايقىدى. ئۇلار يازغان ماقالە يېقىندا ئامېرىكىدىكى «ئەرلەر ساغلاملىقى» ژۇرنىلىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىندى.
    تاتلىق يېمەكلىكلەر: مۇتەخەسسىسلەر تاماملىغان تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى مۇنداق بولدى: تاتلىق يېمەكلىككە ئامراق كىشىلەر پىدائىيلار پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇلار ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق خۇشاللىق تاپىدىكەن.
    ئاچچىق يېمەكلىكلەر: مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق بايقاشقا ئېرىشتى: تەۋەككۈلچىلىككە ئامراق كىشىلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئاچچىق نەرسىلەرگە ئامراق كېلىدىغانلىقىنى بايقىدۇق، ئۇنداق ئادەملەر ھەر قانداق يەردە ئۆزىگە كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى ئىزدەيدىكەن.
    مەززىلىك يېمەكلىكلەر: ياغلىق ۋە ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى بەكرەك قوزغايدۇ، شۇنداقلا چوڭ مېڭىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە مەسئۇل رايوننى قوزغايدۇ. ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر كىشىلەرگە دوست-بۇرادەرلىرى ۋە ئاتا-ئانا قېرىنداشلىرى بىلەن جەم بولغان خۇشال چاغلىرىنى ئەسلىتىدۇ. دېمەك، مەززىلىك يېمەكلىكلەرگە ئامراق ئادەملەر ئوچۇق مىجەز بولغاچقا، ئاسان دوست تاپالايدۇ.
    تۇزلۇق يېمەكلىكلەر: تۇزلۇق يېمەكلىككە ئامراق ئادەم تەبىئىيلىككە بېقىنىدىغان، شۇنداقلا شۈكرى-قانائەتچان كېلىدىكەن.
    قىرتاق يېمەكلىكلەر: قىرتاق يېمەكلىككە ئامراق كىشىلەر كەسكىن كېلىدىكەن، چۈنكى قىرتاق ئىچىملىك ئىچكەن ئادەملەر ئوتتۇرىغا قويغان تەنقىدىي پىكىرلەر قايناق سۇ ئىچكەن ئادەمگە قارىغاندا %27 كۈچلۈك بولىدىكەن.


ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى