تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تاماملايلى

  ـــ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (4)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش كېرەك؟ بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ ـــ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ تەلەپنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاشتىن ئىبارەت.

  يېڭى دەۋردە ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا بۇرالغانلىقى بولدى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىنىپ، بۇ ئالاھىدىلىك توغرا ئىگىلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى توغرىسىدا زور ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. ئۇ بولسىمۇ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ تەلىپى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، سەككىز تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىن ئىبارەت. كېلەر يىللىق ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتتىكى بۇ نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تاماملاش ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا جەزمەن پۇختا ئاساس سالغۇسى.

  زور خېيىم – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىش بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا جەزمەن تاماملىنىدىغان نۇقتىلىق ۋەزىپە، كېلەر يىلى ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىش جەھەتتە جەزمەن پۇختا ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. زور خېيىم – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتا پۇل مۇئامىلە خېيىم – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خېيىم – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ پۇل مۇئامىلە ھەرىكىتىگە قەتئىي زەربە بېرىش، ئاجىز ھالقىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئالاھىدە بېكىتىلگەن نامرات ئاممىغا دەل جايىدا ياردەم بېرىشنى نىشانلاپ، ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلىك كۈچەپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئىچكى ھاياتىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، باھالاشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتا كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئېنېرگىيە تېجەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ۋە باھالاشنى كۈچەيتىپ، تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت. شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، بۇ ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىش بىزنىڭ ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى باسقۇچىدىكى ئالاھىدە ئۆتكەلدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالقىپ ئۆتۈش – ئۆتەلمەسلىكىمىز، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا ئوڭۇشلۇق قەدەم قويۇش – قويالماسلىقىمىزغا بېرىپ تاقىلىدۇ. بىز ئۆتكەلدىن ھالقىپ ئۆتۈشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن زېھنىمىزنى يىغىپ، ئۈچ چوڭ جەڭدە غەلىبە قىلىشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىشىمىز كېرەك.

  كېلەر يىلى مۇنداق سەككىز تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش؛ رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش؛ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ كۆپ سۇبيېكتلىق تەمىنلەش، كۆپ يوللۇق كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجارىگە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىش بىرلەشتۈرۈلگەن تۇرالغۇ تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىش؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بۇ سەككىز تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتكە قارىتا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىپ، ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، ماس بولۇشنى ئىچكى ئالاھىدىلىككە، يېشىل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ھالەتكە، ئوچۇق بولۇشنى مۇقەررەر يولغا، ھەمبەھرە بولۇشنى تۈپ مەقسەتكە ئايلاندۇرۇشتەك يېڭى تەرەققىيات قارىشى نامايان قىلىندى، بۇ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، بىز يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا قەدەم ئالغاندا يەنە ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى زور كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرۇش، بولۇپمۇ بازار مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش، ئادەم كۈچى بايلىقى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتەك دائىملىق ئۇزاق مەزگىللىك ئۆتكەلگە دۇچ كېلىمىز. بۇ سەككىز تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگەندىلا، بۇ ئۆتكەلدىن ھالقىپ ئۆتۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق قەدىمىنى بېسىپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

  كېلەر يىلى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل، بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ۋە ئەستايىدىل ئىشلەپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلىگەندىلا، جەزمەن ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سۈپەت ئەۋزەللىكىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەك يارىتالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى