تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

شەھەر–يېزىلاردىكى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان 32 ھۈنەرخانا 3000دىن كۆپرەك كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

  غۇلجا شەھىرى شەھەر–يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندى

  شەھەر–يېزىلاردىكى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان 32 ھۈنەرخانا 3000دىن كۆپرەك كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

  مۇخبىرىمىز چېن چېن خەۋەر قىلىدۇ: غۇلجا شەھىرىنىڭ پەنجىم بازىرى پىلچى كەنتىدىكى ھۈنەرخانىدا كىيىم تىكىۋاتقان جەمىلە 12 – ئاينىڭ 17 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: مەن بۇ ھۈنەرخانىدا ئىشلىسەم ھەم ئائىلەمدىكىلەردىن خەۋەر ئالالايدىكەنمەن، ھەم كىرىم قىلالايدىكەنمەن. بىز 20 ئايال تىككۈچىلىكنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، بازىرىمىزنىڭ ئۈچ كەنتىدىكى خەلق تۇرمۇشى ھۈنەرخانىسىدا باشقىلارغا تىككۈچىلىكنى ئۆگەتتۇق.

  ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بولسىمۇ مەبلىغى يوق، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بولسىمۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلالمايدىغان شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنى قانداق قىلغاندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ غۇلجا شەھىرى بۇنىڭ ئۈچۈن خەلق تۇرمۇشى ھۈنەرخانىلىرىنى قۇرۇش تەدبىرىنى قوللاندى. 2012 – يىلىدىن باشلاپ، پۈتۈن شەھەردە 32 خەلق تۇرمۇشى ھۈنەرخانىسى قۇرۇپ، 3000 دىن كۆپرەك كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  پەنجىم بازىرىنىڭ پىلچى كەنتىدىكى جەمىلەم ئەبەي 2005 – يىلى 7 – ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولدى. ئۇ 2008 – يىلى ‹‹قوش تىل››لىق يەسلى ئاچتى، 2013 – يىلى ئۇنىڭ كاللىسىدا كەنتتىكى ئاياللارنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەش ئارزۇسى بىخ سۈردى.

  پىلچى كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتى 2015 – يىلى 5 – ئايدا جەمىلە ئەبەينى ئۈچ مو كۆلەمدىكى تۆت ئېغىزلىق ئۆيى بار قورۇ بىلەن تەمىنلىدى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مېيىپلەر بىرلەشمىسى 30 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ قوللىدى، جەمىلەم ئەبەي ئۆزى 60 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، تىككۈچىلىك ماشىنىسى، توك دەزمال، پوپايكا توقۇش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، ‹‹ئەسما›› كىيىم – كېچەك تىككۈچىلىك ھۈنەرخانىسى ئاچتى. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت كادىرلىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ تەشۋىق قىلىپ، سەپەرۋەر قىلىپ، كەنتتىكى مېيىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 86 ئايالنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇلار ئايدا 1000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە كىرىم قىلىدىغان بولدى.

  غۇلجا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى زۇ جۈنپىڭ: ‹‹خەلق تۇرمۇشى ھۈنەرخانىسى ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سورۇنى بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش سورۇنلىرىنىڭ بەزىلىرى شەھەر – يېزىلاردىكى بوش ئۆيلەردىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان، بەزىلىرى يېڭىدىن قۇرۇلغان. بۇ ھۈنەرخانىلار ئاياغ، باش كىيىم، كىيىم – كېچەك، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقاردى››، دېدى. غۇلجا شەھىرى پارتىيە ياچېيكىلىرى سۇپا ياساش، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش، كەسىپلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش تەپەككۇرى بويىچە خەلق تۇرمۇشى ھۈنەرخانىلىرىغا سېتىش يولى كەڭرى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن قول ھۈنەر تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى.

  غۇلجا شەھىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى مەبلىغىدىن 20 مىليون يۈەننى قولغا كەلتۈرۈپ، شەھەردىكى ئون يېزا – بازار، كوچا باشقارمىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇردى. ھازىر غۇلجا شەھىرىنىڭ يېزا – بازار، كوچا باشقارمىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىجتىمائىي كاپالەت پونكىتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاپپارات، سورۇن، خادىم، خىراجەت، تۈزۈم ۋە خىزمەتتىن ئىبارەت ‹‹ئالتە نەقلەشتى››، ھەربىر مەمۇرىي كەنتتە بىردىن ئىككىگىچە ئەمگەك كاپالەت ياردەمچى خادىمى بېكىتىلىپ، يۇقىرى – تۆۋەن ماسلاشقان، شەھەر – يېزىلارنى قاپلىغان جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى شەكىللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تۆۋەنگە ئۇزارتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شەھەر، يېزا – بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئۇچۇر تورى تۇتاشتۇرۇلدى ۋە ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى