تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتلەرنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتەيلى

  ـــ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا(3)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  يېڭى دەۋرگە ماسلىشىپ، دىققەتنى يېڭى نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  2018 – يىلى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئىگىلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، بىزنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، 2020 – يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ مۇستەھكەم ماددىي ئاساس سېلىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسەتلەرنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ كېلەر يىلى ياخشى باشلىنىشى، ياخشى قەدەم ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مېتودولوگىيەسى بولۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم پىرىنسىپ. ‹‹مۇقىملىق›› بىلەن ‹‹ئىلگىرىلەش›› دىيالېكتىكىلىق بىرلىككە ئىگە، ئۇنى چوقۇم بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە ئىگىلەش كېرەك. تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسىلىگە قاراش، تەدبىر ئويلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. مۇقىملاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، شەھەر – يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر – بازارلاردىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىش ئورنى بىلەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تەكشۈرۈشتە نىشان بېكىتىش، خەلقئارا كىرىم – چىقىمىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشىنى ساقلاشنى تاماملاش كېرەك؛ ئىلگىرىلەشكە تېگىشلىكلىرىنى ئىلگىرىلىتىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ماكرولۇق پىشاڭلىق نىسبىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، پۇل مۇئامىلە، مالىيە خېيىم – خەتىرىنىڭ تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشكە چوڭقۇر پەلسەپىۋى ئىدىيە يۇغۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ھەم پاسسىپ تاقابىل تۇرۇشقا، ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلمەسلىككە قارشى تۇرۇلىدۇ، ھەم ئۆزىنى بېسىۋالالماي قارىسىغا ئىشلەش، نەتىجە يارىتىشقا ئالدىراشقا قارشى تۇرۇلىدۇ، شۇڭا، چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن ئىش بۇزۇلار، دېگەن قائىدىنى چۈشىنىپ، خىزمەت رىتىمى ۋە سالمىقىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك.

  ‹‹ئون بارماقتا پىيانىنو چېلىش›› ـــ ماكرولۇق تەڭشەش توغرىسىدىكى ئىلمىي ئوخشىتىش بولۇپ، بۇ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشتە، جەزمەن ‹‹ۋاقتى، سالمىقى، ئۈنۈمى››گە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەت جەھەتتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى كۈچەپ ياخشى ئېتىش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتمەي، نۇقتىلىق ساھە ۋە تۈرلەرنى قوللاش سالمىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، زور خېيىم – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قەرز پۇل ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۇختا ۋە ئىشەنچلىك پۇل سىياسىتىدە نېيتراللىقنى ساقلاپ، پۇل بىلەن تەمىنلەش باش قاپقىقىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خېيىم – خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك. قۇرۇلمىلىق سىياسەتنىڭ تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، تەقسىملەش، ئىستېمالدىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلاردىكى ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما، بولۇپمۇ ئەلئارا سېلىنمىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي سىياسەتتە خەلق تۇرمۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كىرىم تەقسىماتى ئەندىزىسىنى تەڭشەپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا پەسەيتىپ، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا قەدەمنى يەنىمۇ تېزرەك ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئەندىزىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سىستېمىلىق ماسلاشتۇرۇلغان ھەم مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇلغان ھەم بىرتۇتاش پىلانلانغان، تەرتىپلىك بولغان مېتودولوگىيەنى تەتبىقلىغاندىلا، سىياسەت بىرىكمە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە شەكىللەندۈرۈپ، سىياسەت توقۇنۇشىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلانغىلى بولىدۇ.

  ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى ۋە ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى ۋە كاپالىتى. ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداش كېرەك، يۇقىرىدىن سىياسەت تۈزسە، تۆۋەندە قارشى تەدبىر قوللىنىشقا قەتئىي بولمايدۇ، تاللاش خاراكتېرلىك ئىجرا قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىر قاتار تۈزۈلمە – مېخانىزمنى شەكىللەندۈردى، شۇڭا بۇ تۈزۈلمە – مېخانىزمنى داۋاملاشتۇرۇپ ھەم ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش، باھالاش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇيرۇققا قەتئىي ئەمەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، ‹‹مۇبادا كۆڭۈلنى توختىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش چىڭ تۇتۇلمىسا، قانچىكى قالتىس بولغان نىشان ۋە پىلانمۇ سۇدىكى ئاي بولۇپ قالىدۇ››، دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرسىلا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدا چوقۇم يېڭى كەيپىياتنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى