تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

كۇچا ناھىيەسىدىكى سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى دۆلەتنىڭ 3–تۈركۈمدىكى ئارخېئولوگىيەلىك خارابىلىكلەر باغچىسى تۈر قۇرۇلۇشى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

  نىياز راھمان، مۇختەر تۇردى خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا كۇچا ناھىيەسىدىكى سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىدارىسى تەرىپىدىن ‹‹دۆلەتنىڭ 3 – تۈركۈمدىكى ئارخېئولوگىيەلىك خارابىلىكلەر باغچىسى تۈر قۇرۇلۇشى تىزىملىكى››گە كىرگۈزۈلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىردىنبىر دۆلەتنىڭ 3 – تۈركۈمدىكى ئارخېئولوگىيەلىك خارابىلىكلەر باغچىسى تۈر قۇرۇلۇشى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تۈر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى بولغان سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى كۇچا ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى چۆلتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە بولۇپ، كۇچا ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 23 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 180 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، شىنجاڭدىكى ھازىرغا قەدەر بايقالغان ئەڭ چوڭ بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى ھېسابلىنىدۇ. 2014 – يىلى ب د ت مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن ‹‹دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى››گە كىرگۈزۈلگەن. ئىلگىرى بۇ جايدىن خەن سۇلالىسى، جەنۇبىي – شىمالىي سۇلالىلەر ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تەڭگە پۇللار، مىس، تۆمۈر، ساپال، ياغاچ جاھازلار، تام رەسىمى، لايدىن ياسالغان بۇددا ھەيكەللىرى، ناخشا – ئۇسسۇل ئوبرازى سىزىلغان جەسەت كۈلى قۇتىسى قاتارلىقلار قېزىۋېلىنغان بولۇپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى، ھىندى مەدەنىيىتى ۋە پارس مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم قىممەتكە ئىگە.

    كۇچا ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىدارىسىنىڭ كادىرى يىن چيۇلىڭ مۇنداق دېدى: سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك خارابىلىكلەر باغچىسى تۈر قۇرۇلۇشى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى كۇچا ناھىيەسى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىش بولۇپ، بۇ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، كۇچا ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەتتە كۈچلۈك ناھىيە قۇرۇشىدا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    ئىگىلىنىشىچە، ‹‹دۆلەتنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك خارابىلىكلەر باغچىسى›› مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك خارابىلىكلەر ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش مۇھىتىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، پەن تەتقىقات، تەلىم – تەربىيە، ساياھەت ۋە دەم ئېلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولغان، ئارخېئولوگىيەلىك خارابىلىكلەرنى نامايان قىلىش ۋە قوغداش جەھەتتە ئۈلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئالاھىدە ئاممىۋى بوشلۇقنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئالدى بىلەن دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىدارىسى تۈر قۇرۇلۇشىنى تەستىقلايدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن ھەمدە دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغانلىرى قايتا باھالىنىپ، لاياقەتلىك بولغانلىرىغا ‹‹دۆلەتنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك خارابىلىكلەر باغچىسى›› دېگەن نام بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىن بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى بۇ نامغا ئېرىشكەنىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى