تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

لوپ ناھىيەسىدە 2–،3–كەسىپنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز نۇرمەمەت مەخمۇت، ئانارگۈل نۇرمەمەت خەۋەر قىلىدۇ: لوپ ناھىيەسىدە 2 –، 3 – كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۈنەر – كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشتى.

  لوپ ناھىيەسى بۇ يىل 2 –، 3 – كەسىپنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە تۇتقان ئورنىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، 2 –، 3 – كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر سۈپىتىدە چىڭ تۇتتى. تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، 2 –، 3 – كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئىلھام بەردى. ناھىيە بويىچە 10 نەچچە مىڭ ئادەم گىلەمچىلىك، تىككۈچىلىك، قاتناش – تىرانسپورت، ياغاچچىلىق، بىناكارلىق، پىششىقلاش، كەشتىچىلىك، بېزەكچىلىك قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلىنىپ، ھەر خىل تىجارەت ۋە ھۈنەر – كەسىپ بىلەن شۇغۇللاندى.

  ئۇقۇشىمىزچە، بۇ يىل ناھىيەدە 2 –، 3 – كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ كىرىمى 495 مىليون 515 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.12 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تىك چوققىدىكى «يار ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل»
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
  • ئالتۇن كۈزدە بايىنغۇلىندا ساياھەت قىزىپ كەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى