تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئۇيقۇ دورىسىنىڭ كېيىنكى تەسىرى

     ئۇيقۇ دورىسى ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەگەشمە تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك، سەللا دىققەت قىلمىسا خەۋپ پەيدا قىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى:«ئادەم ئۇيقۇ دورىسى ئىچىپ سەككىز سائەتتىن كېيىن بىلىش ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كۈچى، ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى ۋە ۋاقتى بىراقلا چېكىنىدىكەن؛ دورا ئىچىپ ئۇخلىغان كۈننىڭ ئەتىسى مۈگدەپ ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش دەل مۇشۇ خىل چېكىنىشنىڭ نەتىجىسى، بۇنداق ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى ھوشيارلىقنى تەلەپ قىلىدىغان،يەنى ئاپتوموبىل ھەيدەش، بوشلۇقتا مەشغۇلات قىلىش ۋە باشقا سەزگۈر ئىشلارنى قىلمىغان ياخشى».

     مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«ياشانغانلار ئۇيقۇسىزلىقنىڭ دەردىنى بەك تارتىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۇيقۇ دورىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ جىگەر ۋە بۆرەك ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، ياشانغانلاردا ئۇيقۇ دورىسى  روھسىزلىنىش ۋە ھەرىكەت توسالغۇغا ئۇچراش، تەڭپۇڭلىۇقىنى ساقلاش ئىقتىدارى ناچارلاپ، ئاسان يىقىلىپ چۈشۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ،شۇڭا ئۇيقۇ دورىسى يېگەن ياشانغانلار ئەتىسى ئويغانغاندا ئاۋال كارىۋاتتا بىردەم ئولتۇرۇپ، ئاندىن ھەرىكەت قىلسا، يىقىلىپ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ».  

شىنجاڭ كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى