شىنجاڭ تورى خەۋىرى: شىنجاڭ «مەشئەل» يېقىلغۇ گاز پاي چەكلىك شىركىتى 21-دېكابىر رەسمىي پاي چېكى تارقاتتى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر 53 كە يەتتى.
شىنجاڭ «مەشئەل» يېقىلغۇ گاز پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، شىركەت تارقاتقان ئومۇمىي پاي 35 مىليون 500 مىڭ بولۇپ، توردا تارقاتقىنى 14 مىليون 200 مىڭ ئىكەن، تارقىتىلغان PE نىسبىتى 22.99 ھەسسە بولغان.
ئاشكارىلانغان ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ «مەشئەل» يېقىلغۇ گاز پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپى شەھەر يېقىلغۇ گازى بولۇپ، ئاساسلىقى شەھەردە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش-تەقسىملەش ۋە سېتىش كەسپى بىلەن شوغۇللىنىدىكەن. بۇ قېتىم ئاساسىي تاختا بازىرىغا چىققاندىن كېيىن، بۇ شىركەت قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە تۇنجى ئاساسىي تاختا بازىرىغا چىققان شىركەت بولۇپ قالغان، شۇنداقلا يەنە شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان 53-شىركەت بولۇپ قالغان.