تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللار قايسى يېمەكلىكنى يېسە مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ

    كۈندىلىك تۇرمۇشتا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا، يەنە كۆپ ئۇچرايدىغان بەزى يېمەكلىكلەرمۇ مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۇنداقتا قايسى يېمەكلىكلەر مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ؟
    ياڭاق
    ياڭاق تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇ مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ھەر كۈنى ئىككى تالدىن ئۈچ تالغىچە ياڭاق يەپ بەرسە چوڭ مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى، مېڭە چارچاشنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن دىققەت قىلىش كېرەك، بولمىسا چوڭ تەرەت قۇرغاقلىشىش، بۇرۇن قاناش قاتارلىق ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ.
    بانان
    باناننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، يەنە تىرىپتوفان ۋە ۋىتامىن B6 نىڭ كېلىش مەنبەسى، تەركىبىدە مول مىنېرال ماددا، بولۇپمۇ كالىي ئىيونىنىڭ مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، بىر تال باناننىڭ تەركىبىدە 451 مىللىگىرام كالىي بار، دائىم يەپ بەرسە مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
    بېلىق
    بېلىق ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى. بېلىق بېشى تەركىبىدە مول لېتسىتىن بولۇپ، ئادەم مېڭىسىدىكى نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىسىنىڭ مۇھىم كېلىش مەنبەسى، ئەستە تۇتۇش، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى ھەم مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ چېكىنىشىنى كونترول قىلىپ، قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ. بېلىق گۆشىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە كالتسىي ئىنتايىن مول، بولۇپمۇ تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مېڭە ۋە كۆزنىڭ نورمال يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

    كۈنجۈت
    كۈنجۈتنى ئېزىپ، ئازراق ئاق شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قايناق سۇ قويۇپ ئىچىپ بەرسە ياكى كۈنجۈت ئۇمۇچى، كۈنجۈت پىرەنىكى قاتارلىق  يېمەكلىكلەرنى ئەتىگەن، كەچتە بىر قېتىم يەپ، يەتتە كۈن داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى بولىدۇ.
    ئاپېلسىن
    ئاپېلسىن تەركىبىدە مول ۋىتامىن بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تىپىك ئىشقارلىق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ، ئاپېلسىننى كۆپ يەپ بەرسە، كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنى ئازايتقىلى بولىدۇ ھەم ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلاپ، دىققەتنى يىغىشقا پايدىلىق، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار كۆپ يەپ بەرسە بولىدۇ.
    پالەك
    پالەك مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىكنىڭ بىرى بولۇپ، تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن، مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان مول خىلوروفىل بار، بۇ مېڭىسى زىيادە چارچاپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتايىن ياخشى تاللىشى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى