« Apas Monolith » شىركىتى لايىھەلىگەن پۈتۈن گەۋدىلىك توم قارا سۇدان يېقىندا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇ سۇداننىڭ لايىھەسى «ئالەم بوشلۇقىنى سەيلە قىلىش» ناملىق كىنودىن ئىلھام ئالغان. سۇداننىڭ سۇ چىقىش ئېغىزىنىڭ ئىچكى تەرىپىگە ئېكران ئورنىتىلغان بولۇپ، سۇداندا بار سۇ مىقدارىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن، قارا قۇتا ئاستىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۆلەككە يانفون چېتىپ، يانفونغا توك قاچىلىغىلى بولىدىكەن، شۇنداقلا ئادەمگە كۈندىلىك ئىچىدىغان سۇ مىقدارىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىكەن.
مەزمۇن ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى