تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك ئېكسپورت مىقدارى ئۇدا توققۇز ئاي ئۆرلىدى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك ئېكسپورت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل ۋە ئالدىنقى مەلۇمات مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا داۋاملىق ئۆرلىدى، بۇ يىل فېۋرالدىن ھازىرغىچە ئۇدا توققۇز ئاي ئۆرلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك كەسىپلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  مۇخبىرنىڭ 20-دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق سانائىتى كەسىپلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل نويابىردا ئاپتونوم رايونىمىز چېگرىسىدىن ئېكسپورت قىلىنغان يىپ ۋە توقۇلما بۇيۇملار 186 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.69، ئالدىنقى مەلۇمات مەزگىلىدىن %28.95 ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا ئاپتونوم رايونىمىز چېگرىسىدىن ئېكسپورت قىلىنغان يىپ ۋە توقۇلما بۇيۇملار جەمئىي 1 مىليارد 353 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى