ماتېرىيال: ئالقات 20 گىرام، قارا پۇرچاق 30گىرام، قوي گۆشى 150 گىرام، زەنجىۋىل، تۇز
ئېتىش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن قوي گۆشىنى توغرايمىز، ئاندىن ئالقات، قارا پۇرچاقنى يۇيۇپ، گۆش بىلەن بىللە قازانغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قويۇپ، كۈچلۈك ئوتتا قايناتقاندىن كېيىن، سۇس ئوتتا ئىككى سائەت قاينىتىمىز، ئاخىرىدا خۇرۇچ قوشۇپ، تەم تەڭشەپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
بۇنى بۆرىكى ئاجىز، سوغۇقچان، ماغدۇرسىز كىشىلەر ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، قارا پۇرچاق تەركىبىدە مول مىقداردا تۆمۈر ماددىسى بولۇپ، داۋاملىق چېچى چۈشىدىغانلار بەدىنىدە ئادەتتە تۆمۈر كەمچىل بولىدۇ.