تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

يۈزتۇرا تەشۋىقات دىللارنى سۆيۈندۈردى

  مۇخبىرىمىز مۇيەسسەر ئاباھامىت

  خوتەن ناھىيەسىدىكى ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى پۇختا ئۆگىنىپ، ئاممىنىڭ ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات پىلانلىرى توغرىسىدىكى ئەمەلىي مىساللار كىرگۈزۈلگەن مەخسۇس لېكسىيە ماتېرىيالى تەييارلاپ، كەنتلەرگە بېرىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى دېھقان – چارۋىچىلاردىن تارتىپ تىجارەتچى، ھۈنەرۋەن – كاسىپلارغىچە يۈزتۇرا ھالدا چۈشىنىشلىك يەتكۈزدى. بۇ يۈزتۇرا تەشۋىقات دىللارنى سۆيۈندۈرۈپ، كۆڭۈللەرنى ئاۋۇندۇردى.

  ـــ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ‹‹خەلق›› دېگەن سۆز 203 قېتىم تىلغا ئېلىنىپتۇ، بۇنىڭدىن پارتىيەمىزنىڭ خەلققە نەقەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ،ــ دېدى باغچا بازىرىنىڭ چاقا كەنتىدىكى ئوبۇلقاسىم جېلىل، بۈگۈن ناھىيەلىك قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىش ئەترىتىدىكى مەلىكە خانىم كەنتىمىزگە كېلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈردى، ھەممەيلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقنىلا ئويلايدىغانلىقىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يەتتۇق.

  ــ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ‹‹يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش لازىم››، ‹‹شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، يەسلى مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپ ۋە تور مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر بىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن تىرىشىپ بەھرىمەن قىلىش لازىم›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، قېرىنداشلار، بۇلار راستلا خۇش خەۋەرمىكەن، ــ دېدى باغچا بازىرىنىڭ كاسپىي كەنتىدە لېكسىيە سۆزلەۋاتقان ناھىيەلىك قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى ئابلەت سالىم.

  دېھقانلارنىڭ چېھرىدە مەمنۇنلۇق كۈلكىسى جىلۋىلەندى، ئۇلار بىر – بىرىگە قارىشىپ باشلىرىنى لېڭشىتتى ھەم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلۇپ، يەرلەر مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىلگەندىن كېيىن دېھقانلارنىڭ قەددى كۆتۈرۈلگەنلىكى، زور بىر تۈركۈم دېھقانلار شۇ يەرگە تايىنىپ ئاستا – ئاستا باي بولغانلىقى، مەھەللىلەردە تىراكتور، كومبايىن، ھەتتا شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى سىياسەتلەرنىڭ دېھقانلارغا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە كەڭ – كۇشادە سۆزلەشتى.

  باغچا بازىرىنىڭ ھەر قايسى كەنتلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان يۈزتۇرا تەشۋىقات ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋە ئۆزگىچە بولدى. دېھقانلار قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئۆزلىرىگە پايدىلىق مەزمۇنلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ئاڭلاپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىدىغانلىقىدىن تېخىمۇ ھاياجانلاندى ۋە ئىشەنچكە تولدى.

  ــ بۇ تەشۋىقاتنى ئاڭلاپ بەك سۆيۈندۈم، ــ دېدى باغچا بازىرىنىڭ كاسپىي كەنتدىكى گۈلھەسەلخان ئابدۇللا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، بالىلىرىمىزنىڭ يەسلىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇپ، ياخشى شارائىت، ياخشى مەكتەپلەردە بىز ئۆگىنەلمىگەن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىدىن، ئۇلارنىڭ بىزدەك ‹‹قارا قورساق›› بولۇپ قالماي، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ماڭالايدىغانلىقىدىن، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئاخىرقى ئۆمرىمىزنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىدىن بەكلا خۇش بولدۇق.

  ــ بۇ يىل 60 ياشقا كىردىم، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، ــ دېدى باغچا بازىرىنىڭ چالۋاش كەنتىدىكى مەمەتئىمىن ئەخمەت، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇرمۇشىمىزدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولدۇم. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا بۇنىڭدىنمۇ باياشات تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىمىز ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بەك تەسىرلەندىم، قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش›› دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز ماڭا تېخىمۇ ياقتى. قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانلىرىنى ئاڭلاپ، سالامەتلىكىمنى ياخشى ئاسراپ، ئۇزاقراق ئۆمۈر كۆرۈپ، ئاشۇ كۈنلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشنى ئويلىدىم. قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئىشىك ئالدىمىزغىچە كېلىپ سۆزلەپ بەرگەن لېكسىيەسى ۋە يۈزتۇرا تەشۋىقاتى كەلگۈسىدىكى گۈزەل تۇرمۇش، پارلاق ئەتىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى