تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

تاۋ يىڭفۇ بوۋاي 14 يىل كۆچەت تىكىپ، ‹‹يېشىل تەرەققىيات››قا ھەسسە قوشتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلزار ئوسمان خەۋەر قىلىدۇ: نىلقا ناھىيەسىنىڭ قارا تۆپە يېزىسى تاشيول كەنتىدىكى تاۋ يىڭفۇ ياشانغىنىغا قارىماي 14 يىل كۆچەت تىكىپ، 100 مو چۆللۈكنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپ، ‹‹يېشىل تەرەققىيات››قا ھەسسە قوشتى.

  بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن تاۋ يىڭفۇ بۇنىڭدىن 14 يىل ئىلگىرى كەنت تەشكىلىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن كەنتنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى گىياھ ئۈنمەيدىغان چۆل – جەزىرىدىن 55 مو يەرنى ھۆددە ئېلىپ كۆكەرتىشكە كىرىشتى. ئۇنىڭ ئارزۇسى بۇ يەرنى يېشىللىققا ئايلاندۇرۇش ئىدى. ئۇ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ ئىشلەپ، ھەر يىلى تېرەك كۆچىتى تىكتى. ئۆزى ھۆددە ئالغان يەرگە تېرەك كۆچىتى تىككەندىن سىرت، ھۆددە يېرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئېدىرلارغىمۇ كۆچەت تىكتى. ئۇ يېقىندا ‹‹چۆلنى بوستانلىققا ئايلاندۇرغان››لىقى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: مەن يېشىللىقنى ياخشى كۆرىمەن، 2003 – يىلى كەنت تەشكىلىنىڭ قوللىشى بىلەن دەسلەپتە 55 مو چۆللۈكنى ھۆددە ئېلىپ تېرەك كۆچىتى تىكىپ سىناپ باقتىم. بۇ چاغدا بەزىلەر بۇ چۆلگە تىكىلگەن كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قىزغىنلىقىمغا سوغۇق سۇ سەپتى. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئارزۇيۇمدىن ۋاز كەچمىدىم. سىناق قىلىپ تىككەن كۆچىتىم تۇتۇپ ماڭا ئۈمىد ئاتا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن قولۇمغا گۈرجەك، مىتىن ئېلىپ، شېغىل تاشلارنى ئاز – ئازدىن قېزىپ ئورەك كولاپ، ھەر يىلى باھاردا تېرەك كۆچىتى تىكتىم، كۆچەتلەرنى ئۆزۈم تاللاپ سېتىۋالدىم. سۇ يوق ئەھۋالدا يىراقتىن سۇ توشۇپ كۆچەتلەرنى سۇغاردىم. كۈنلەر، يىللار شۇنداق ئۆتتى، ‹‹كۆڭۈل قويغان ئادەمگە، قىيىن ئىش يوق ئالەمدە›› دېگەندەك كۆچەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىۋېدىم، كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولدى، بۇ ئۆزگىرىشلەر ماڭا ئۈمىد ئاتا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكى ئېدىرلارغىمۇ كۆچەت تىكتىم. نەتىجىدە، 14 يىلدا مەن كۆكەرتكەن چۆللۈك 100 موغا، تىككەن كۆچەت 15 مىڭ تۈپكە يەتتى.

  تاۋيىڭفۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش توغرىسىدا نۇرغۇن ياخشى گەپلەرنى قىلدى. مەن ئېغىزغا ئالغۇدەك ئالاھىدە ئىشلارنى قىلالمىغان بولساممۇ، ‹‹يېشىل تەرەققىيات››قا ئازراق بولسىمۇ ھەسسە قوشالىغىنىمدىن خۇرسەنمەن. گەرچە ياشىنىپ قالغان بولساممۇ، روھىم تېخى ياش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، چۆللۈكنى كۆكەرتىشتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ۋەتەن ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇش ئىرادەم بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى