شىنجاڭ تورى خەۋىرى: بۇ يىللىق ئىككىنچى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بېكىتىشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈنۈملۈك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سانى تۇنجى قېتىم 500 دىن ئاشتى. يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى تولۇق قاپلاش ئەمەلگە ئېشىپ، ئۈرۈمچىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار 283 كە يەتتى.
مۇخبىرنىڭ 19-دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرغان، بۇ يىل ئىلتىماس قىلغان كارخانىلارنىڭ سانى 274 كە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن % 54 ئاشقان. كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن، ماتېرىياللارنى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ بېكىتىشىگە سۇنغان.
دۆلەت پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى مەشئەل يۇقىرى تېخنىكا كەسپى تەرەققىيات مەركىزى يېقىندا ھۆججەت تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككىنچى تۈركۈمدە ئىلتىماس سۇنغان 136 كارخانىنىڭ دۆلەتنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئەنگە ئېلىشتىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا 207 كارخانا دۆلەت بويىچە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلىرىلار قاتارىغا كىردى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2009-يىلدىن باشلاپ دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بېكىتىش خىزمىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سانى 540 قا يەتكەن.