تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈرۈش قىلىندى

   ـــ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

  بۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ‹‹مۆجىزە›› ــ

  دۇنيا ئىقتىسادى سىجىل چېكىنىۋاتقان ئەھۋالدا، گەرچە جۇڭگو چېكىنىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىساد يەنە يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈپ، ئۆتكەن بەش يىلدا ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %7تىن ئاشتى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئوتتۇرىچە تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %30تىن ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچ بولدى.

  بۇ ھاياتىي كۈچ ۋە ئېلاستىكىلىقنى نامايان قىلغان ‹‹جۇڭگو كۈچى›› ــ

  تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىردى.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، توغرا تەدبىر بەلگىلەپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياساشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت چوڭ پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ، تېخىمۇ يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  مۇقىملاشتۇرغۇچ: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يەنە يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلدى

  ئۆتكەن بەش يىلنى ئەسلەپ ئۆتسەك، جۇڭگو ئىقتىسادى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىش››، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى قاتارلىق بىر قاتار زىددىيەتلەر كۈچەيگەن مەزگىلگە دۇچ كەلدى. ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى ئېشىپ، كىشىلەرنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادى ‹‹سۈرئىتىنى يوقىتىپ قويۇۋاتىدۇ››، ‹‹مەجبۇرىي قونۇۋاتىدۇ›› دېگەندەك ئۈمىدسىزلىك مۆلچەرى كۆپەيدى.

  ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئەڭ يېڭى دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىللىق ئېشىش سۈرئىتىنى يەنە يۇقىرى مۆلچەرلىدى ھەم 9 – ئايدا مۆلچەرلىگەن %6.7نى%6.8 كە ئۆستۈردى. بۇنىڭدىن بۇرۇن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بۇ يىل ئىچىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى توغرىسىدىكى مۆلچەرىنى تۆت قېتىم ئۆستۈرگەنىدى.

  خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ بىردەك ياخشى مۆلچەرى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىسىدىن كەلگەن.

  2016 – يىلى 4 – پەسىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەدرىجىي چېكىنىش ھالىتى ئۆزگەردى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى قايتىدىن ئەسلىگە كەلدى. بۇ يىل 3 – پەسىلدە، GDP بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا توققۇز پەسىل %6.7تىن %6.9 كىچە بولغان ئارىلىقتا بولدى.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپلىق پىلانلاپ، كۈچلۈك سىياسىي جۈرئەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەرنى بىر تۇتاش يېتەكلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى بىر تۇتاش ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىنى يېتەكلەپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادى چوڭ پاراخوتىنىڭ تۇمان ئىچىدىن دولقۇن يېرىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئىرادە چىڭ بولسا، ھېچنېمە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.

  تەپەككۇر ئايدىڭ، ئۇسۇل توغرا بولسىلا، ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %7تىن ئېشىپ كەتتى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 54 تىرىليون يۈەندىن 80 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە 2 – ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئاشتى.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجيې مۇنداق دېدى: 2013 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىنى %7.2كە يەتكۈزدى، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %2، ئىشسىزلىق نىسبىتى %5 ئەتراپىدا بولدى، بۇنداق بىر قەدەر يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتى، بىر قەدەر كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى، بىر قەدەر تۆۋەن مال باھاسى ماسلاشقان ئايلىنىش ھالىتى دۇنيا بويىچە بىردىنبىر بولۇپ، قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.

  بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشى مۇقىم ئىلگىرىلىدى، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى تەرتىپلىك قويۇپ بېرىلدى. بازارلاشتۇرۇش نىسبىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن .2 1 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، 80 مىليوندىن ئارتۇق يېزا يۆتكەلمە ئاھالىسى شەھەر – بازار ئاھالىسىگە ئايلاندى. رايون تەرەققىياتىنى ماسلاشتۇرۇش كۈچىيىپ، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ پەرقى يەنىمۇ كىچىكلىدى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى. 2016 – يىلى جۇڭگونىڭ GDPسىنى سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 11 تىرىليون 200 مىليارد دوللارغا يېتىپ، دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %.8 14ىنى ئىگىلەپ، 2012 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا .4 3 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان ئوتتۇرىچە تۆھپىسى %30 تىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 1 – ئورۇنغا ئۆتۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچ لەڭگەرگە ئايلاندى.

  ‹‹جۇڭگو قانچە تەرەققىي قىلسا، دۇنياغا يارىتىپ بېرىدىغان پۇرسەت شۇنچە كۆپ بولىدۇ ۋە قوشىدىغان تۆھپىسىمۇ زور بولىدۇ››. يېقىندا ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹دەۋر›› ژۇرنىلىنىڭ ئاسىيا بېتىگە بېرىلگەن ماقالىدە، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىلگىرىلىشى دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىلگىرىلىشى ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگو غەلىبە قىلسا، دۇنيا غەلىبە قىلىدۇ، دېيىلدى.

  ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى: تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىدى

  نۇرغۇن كارخانا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن مۇشەققەت ئىچىدە ئىلگىرىلەۋاتقاندا، ‹‹دۇنيا بويىچە 1 – چوڭ پولات – تۆمۈر ئۆلكىسى›› دەپ نام ئالغان خېبېي ئۆلكىسىدىكى خېبېي پولات – تۆمۈر گۇرۇھى بۇنى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى پۇرسەت دەپ بىلدى.

  خېبېي پولات – تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى يۈ يوڭ مۇنداق دېدى: پاسسىپ ھالەتتە جەڭنى كۈتۈپ ئولتۇرغاندىن كۆرە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكەن ئەۋزەل. 2017 – يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، خېبېي پولات – تۆمۈر گۇرۇھى تۆمۈر، پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئايرىم – ئايرىم %5.02ۋە %0.75 ئازايتتى. سېتىش كىرىمى ۋە پايدىسى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا%6.83 ۋە%74.07ئېشىپ، ئاشۇرۇش ۋە ئازايتىش ئارىلىقىدا ھاياتىي كۈچ نامايان بولدى.

  تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ‹‹ئۈچنى ئازايتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش›› كەڭ كۆلەمدە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش سۈپەت ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى ــ

  100 مىليون توننىدىن ئاشقان يىرىك پولات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىلەن 400 مىليون توننىلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بازاردىن چېكىنىپ چىقتى؛ تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىشنى كۈتۈش ئەھۋالى سىجىل تۆۋەنلەپ، ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈش ۋەزىيىتىنىڭ ئالدى ئېلىندى؛ كارخانىلارنىڭ پىشاڭلىق نىسبىتى مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىدى؛ كارخانىلار ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلىنغان باج 2 تىرىليون يۈەنگە يەتتى؛ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش داۋاملىق زورايتىلدى؛ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى...

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ 1 – مۇئاۋىن لىدىرى لىپتون باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات جۇڭگو ئىقتىسادى ئۈچۈن قۇرۇلمىنى تەڭشەش دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەردى، ئومۇمىي ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئىسلاھاتتىكى ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى.

  دانالار پەيتنى پەملەپ ئۆزگىرىدۇ، ئاقىللار ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرىدۇ. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ‹‹ئېلىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا ئۆتتى››، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بۇ ھۆكۈم شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، بىر تەرەپتىن، ئېلىمىز ئەمدى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش قارىغۇلارچە سۈرئەت قوغلاشمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن نەچچە يىللىق جاپالىق تەڭشەشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا غايەت زور ئۆزگىرىش كۆرۈلۈۋاتىدۇ.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشى جۇڭگوغا تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ھازىرلاپ بەردى:

  ـــ ئىستېمالنىڭ قوشقان تۆھپىسى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئېلىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %64.5 كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.8 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، كاپىتالنىڭ شەكىللىنىشىگە تۆھپە قوشۇش نىسبىتىدىن 31.7پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. سېلىنما بېقىندىچىلىقىغا خاتىمە بېرىلىپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇش رولى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغان.

  ـــ يېڭى ۋە كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى سىجىل ئالماشتى. ‹‹ئالاقە تورى +››، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار... 2013 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرىچە %11.3 ئاشتى، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە يېڭى سودا ئەندىزىسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

  ــ ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئېكسپورتنى يۆنىلىش قىلىشتىن تارتىپ، ئىمپورت ۋە ئېكسپورتنى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقىچە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

  ....

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى گاۋ پېييۇڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئىچكى ئۆزگىرىش بولدى، بۇ، تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشقا تايانغانلىق بولۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھات ئۇسۇلى ئارقىلىق قۇرۇلمىلىق تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېشىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاتتى.

  ئىسلاھات قىلغۇچىلار ئىلگىرىلەيدۇ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار قۇدرەت تاپىدۇ.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنىڭ قىيىن باسقۇچىغا، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش، قاتتىق سۆڭەكنى غاجىلاشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھاتتا ئومۇميۈزلۈك كۈچەش، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئىچكىرىلەپ ئىلگىرى سۈرۈشتەك يېڭى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىسلاھات پايدىسىدىن خەلقنى تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت چوڭ پاراخوتنىڭ مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  مەقسەت: خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى

  ‹‹دەنشەن، چىشۈي ئەۋلىيا قەسىرىگە ئوخشىغاچ، ئاۋام پۇقرا ئالىدۇ ھۇزۇر تاماشا قىلغاچ››. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يۇياۋ شەھىرى سىمىڭشەن تېغىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان شىلىن كەنتى ئەگرى – توقاي جىلغىلىرى بىلەن ‹‹ئېسىل ماكان›› دەپ نام ئالغان، ئىلگىرى بۇ كەنت چەت – ياقىغا جايلاشقان نامرات كەنت ئىدى، ھازىر ئۆزگىرىپ ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى.

  يۇياۋ شەھىرى شىلىن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شېن بىڭرۇڭ مۇنداق دېدى: بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، كەنت ساياھەتچىلىكنى قانات يايدۇردى، بولۇپمۇ توك يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، كەنتتىكى دېھقانلار ھەممىلا يەردە مېھمان كۈتۈش ئاچتى، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى بۇلتۇر 50 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەيلى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىشى بولسۇن ياكى پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى ‹‹كىچىك ئىشلار›› بولسۇن، ھەممىسىدىلا خەلق ھەممىدىن ئۈستۈن، دېگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھېسسىياتى نامايان بولدى. خەلق كۆڭۈل بولىدىغان ئىشلاردىن، خەلق رازى بولىدىغان ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇلۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەر مەركەزلىك ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.

  بۇ، ‹‹ئېرىشىش تۇيغۇسى›› ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلگەن بەش يىل ـــ

  ـــ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى سىجىل ياخشىلىنىپ، شەھەر – بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يىلىغا ئوتتۇرىچە 13 مىليون كىشىدىن ئاشتى؛

  ـــ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، 60 مىليوندىن كۆپرەك نامرات مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىشىش نىسبىتى %10.2تىن %4كە تۆۋەنلىدى؛

  ـــ شەھەر – يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى، خەلقنىڭ ساغلاملىق ۋە داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى...

  بۇ، ‹‹بەخت تۇيغۇسى›› سىجىل مۇجەسسەملەنگەن بەش يىل ـــ

  ئاسمان تېخىمۇ كۆك، سۇ تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىت تېخىمۇ گۈزەل بولدى. ئۆتكەنكى بەش يىلدا جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قارارىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، سالمىقىنىڭ، نەتىجە ئۈنۈمىنىڭ زورلىقى مىسلىسىز بولدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىمىز ئىككى يىل ۋاقىتتا مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ 31 ئۆلكە (رايون، شەھەر)نى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

  ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇش، چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىكى تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇشنى يولغا قويۇش، ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تۇرالغۇنى ئىجارىگە ئېلىش – بېرىش بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆي – مۈلۈك بازىرىنىڭ كۆپۈكلىشىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش... خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ھەربىر ‹‹كىچىك ئىش›› جۇڭنەنخەي بىلەن ئاممىنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى.

  بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ پەخرىي مۇدىرى جيا لىچۈن مۇنداق دېدى: داۋالىنىشنى ئالايلۇق، بۇ بىر نەچچە يىلدا دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش – داۋالاش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى تېخىمۇ قولايلىقلاشتى. جيا لىچۈن بۇنى ھەقىقىي ھېس قىلغانىدى، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك ئىشلارنىڭ ئۆزگىرىشى پارتىيەمىزنىڭ ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ دەلىلى.

  خەلققە نەپ يېتىدىغانلا بولسا، كىچىككىنە ئىشلارنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك؛ ئاممىغا زىيانلىق بولسىلا، كىچىك ئىشلارنىمۇ قىلماسلىق كېرەك. خەلق كۆڭۈل بولىدىغان ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىسىدە بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرىنى قىلىپ، يىلدىن –يىلغا ئۇلاشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى تۇتۇش؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى ۋە خەلقنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر – يېزىلار بىر تۇتاش پىلانلانغان، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، كاپالەتلەندۈرۈش مۇۋاپىق بولغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قازىنىش...

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنىڭ گۈزەل كارتىنىسى نامايان قىلىندى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى