تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇقلاشتۇرۇلۇپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى– مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردى

  شىخو شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىنىڭ كادىرى سەي جۇڭشياڭ (سولدىن 2 – كىشى) تۇغقىنى ئارزۇگۈل تۇرداخۇن (سولدىن 1 – كىشى)نىڭ كالىلارغا يەم بېرىشىگە ياردەملەشمەكتە. گاۋ بو فوتوسى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى – مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بۇ پائالىيەتكە پائال ئاۋاز قوشتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان كادىرلار يۈك – تاقلىرىنى ئېلىپ كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە ئورۇنلىشىپ، تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى – مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى: چىن مېھرىنى يەتكۈزۈپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى – مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى 23 كادىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىن 18 – كۈنىگىچە ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى ئۇزۇل كەنتى، بارىن يېزىسى گۈلباغ كەنتىگە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  ئورگان مۇلازىمەت مەركىزىدىكى ما شىخەي 12 – ئاينىڭ 17 – كۈنى سەھەر سائەت 0 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئون ئائىلىگە كۆمۈر تارقىتىش ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، تۇغقىنى ئۇنىڭغا ئېلىپ قويغان ئىسسىق تاماقنى ئېلىپ چىقتى. ما شىخەي مۇنداق دېدى: شۇنچە كەچ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، تۇغقىنىم ماڭا تاماق ئېلىپ قويۇپتۇ، بۇنىڭدىن بەك تەسىرلەندىم، ئۇلار ئائىلەمدىكىلەرگە ئوخشايدىكەن. ئادەتتە ئىدارىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگىنىمدە، يولدىشىممۇ كېلىشىمنى كۈتۈپ تۇراتتى.

  ‹‹بۇ يەتتە كۈندە كۆپچىلىك چىن مېھرىنى يەتكۈزۈپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى؛ ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇردى. بۇ ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشلەرنى ئېسىمدە مەڭگۈ چىڭ ساقلايمەن!›› بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش 1 – ئىشخانىسىنىڭ كادىرى خۇشتار توختىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە يازغان تەسىراتى.

  بۇ مەزگىلدە خۇشتار توختى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى كەنتتىكى ‹‹تۆت پېشقەدەم››لەر، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، پاراڭلىشىپ مۇڭداشتى، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىگە قىشلىق كۆمۈر تارقاتتى. خۇشتار توختى مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەنت كەچلىك مەكتىپىدە دۆلەت تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ تەسىرلەندىم. ئۇلار دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگەنسە، سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەندە تىل قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلىيالايدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى: تۇغقانلاشقان ئائىلىلەرنى ئۆز ئائىلىسى دەپ بىلدى

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئىككى تۈركۈمدە 78 كادىرنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى كەنتتە تۇرۇش نۇقتىسىدا تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. تۇغقانلاشقان كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدى، كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا دائىر ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش ماتېرىيالىنى تارقاتتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  پائالىيەت جەريانىدا، كادىرلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. دۈشەنبە كۈنىدىكى بايراق چىقىرىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى››دىكىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن سەھنىگە چىقىپ لېكسىيە سۆزلىدى. كەنتلەر ئايرىم – ئايرىم ھالدا قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار بىلەن قوشماقلاشقان ئائىلىلەرنىڭ سۆھبەت يىغىنىنى ئۆتكۈزدى، كۆپچىلىك پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئالغان تەسىراتى توغرىسىدا كەڭ – كۇشادە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى ئورتاق بايان قىلدى.

  قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر تۇغقىنىنىڭ ئىشىنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئىشى، تۇغقىنىنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى، دەپ بىلدى. بەزىلەر تۇغقىنىنىڭ ئائىلىسىدىكى ياشانغانلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتتى، بەزى كادىرلار ئۆي بېزىگۈچىلەرنى چاقىرىپ كېلىپ، تۇغقىنىنىڭ ئۆيىنى بېزىشىگە ياردەملەشتى، بەزىلەر تۇغقانلىرىغا ياردەملىشىپ پار، توك سائىتىنى رېمونت قىلدى، بەزىلىرى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، ئائىلە ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلدى. كۆپچىلىك بىللە تۈگۈر تۈگۈپ، پولۇ ئېتىپ، بازار ئايلىنىپ، بىللە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار ئامما ئارىسىغا ئاكتىپ سىڭىشتى، تۇغقانلىق مېھرى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

  قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان ئائىلىدىن مىجىت روزى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتىمىزگە يول ياساپ بەردى، كۆپچىلىكنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشقا تەشكىللىدى، كەنتىمىزدە غ ايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھازىر تۇغقانلىرىمىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىزگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ، بىز جەزمەن پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى: كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ شاد – خۇراملىققا چۆمدى

  بەزى تۇغقانلار ئۆيلىرىنى پاكىز تازىلاپ، مەش قويۇپ ئۆينى ئىسسىتتى؛ بەزىلىرى ئۆيلىرىدە ئىسسىق لەغمەن ئېتىپ تۇغقىنىنى كۈتۈۋالدى، بەزىلىرى ئۆيلىرىنى قايتىدىن زىننەتلىدى... ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتناشقان 57 كادىر 12 – ئاينىڭ 16 – كۈنى گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسىغا بارغاندىن كېيىن، تۇغقانلىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

  ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتناشقان كادىرلار قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئۆگىنىشتە، ئەمگەكتە بىللە بولدى، تۇغقانلىرى بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇپ، ئۆزئارا پاراڭلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى ئورتاق پىلانلىدى. كادىرلار تۇغقانلىرىغا تاماق پۇلى تاپشۇردى، ئۆزلىرى يوتقان – كۆرپە ئېلىپ باردى، تۇغقانلىرىغا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ۋە قوي گۆشى يەتكۈزۈپ بەردى، ئامما نېمە يېسە، كادىرلارمۇ شۇنى يېدى. كۆپچىلىك تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ھويلا – ئارانلارنى تازىلاپ، كۆكتات سېتىۋېلىپ، بىللە تاماق ئېتىپ، ئۆز ئۆيىدىكىگە ئوخشاشلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش›› پائالىيىتىنىڭ تەلىپى بويىچە قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار تۇغقانلىرىغا ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى توغرىسىدىكى ئامما ئوقۇشلۇقى›› ۋە تەشۋىقات رەسىملىك ماتېرىياللىرىنى تارقىتىپ بېرىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى.

  قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار باشلاقبىنام كەنتىدىكى ئىمىن مەمەتنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە 300 كىلوگىرامدىن ئارتۇق بېلىقنى يۇيۇپ تازىلاپ، ئىمىن مەمەت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بېلىقلارنى 2 – كۈنى زاڭگۇي يېزىسىغا ئېلىپ بېرىپ بېلىق كاۋىپى قىلىشىغا ياردەملەشتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار 30 نامرات ئائىلىدىكى 109 كىشىگە 8550 يۈەن (ماددىي بۇيۇملار پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاندى) ياردەم قىلغان.

  ھازىرغىچە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بويىچە 59 مەيدان (قېتىم) تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن، پائالىيەتكە 1022 ئادەم (قېتىم) قاتناشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى