تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى تەڭشىدى

  ئىشتا يارىلانغانلارغا ئايدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 235 يۈەن مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ

  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىز 2016 – يىلى ئىشتا يارىلانغان (قازا قىلغان) ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى تەڭشىگەن. ئۆلچەم بويىچە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشتا يارىلانغان ھەر بىر كىشىگە ئايدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 235 يۈەن مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى كۆپەيتىپ بېرىلىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى تەڭشەش دائىرىسىگە 2015 – يىلى 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنىدىن ئىلگىرى ئايمۇ ئاي مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى ۋە ئىش ئۈستىدە قازا قىلغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىۋاتقان تۇغقانلىرىغا بېرىلىدىغان نەپىقە پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلار كىرگۈزۈلگەن. تەڭشەش ۋاقتى 2016 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  بۇنىڭ ئىچىدە مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىنى تەڭشەش ئۆلچىمى مۇنداق بولىدۇ: تەڭشەش دائىرىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 1 – دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغان ھەر بىر كىشىگە مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى ھەر ئايدا 235 يۈەن، 2 – دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغان ھەر بىر كىشىگە ئايدا 198 يۈەن، 3 – دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغان ھەر بىر كىشىگە 186 يۈەن، 4 – دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغان ھەر بىر كىشىگە ئايدا 180 يۈەن كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ، كارخانىلاردىكى ئايمۇ ئاي مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى ئېلىۋاتقان 5 – دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغان ھەر بىر كىشىگە ئايدا 143 يۈەن، 6 – دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغان ھەر بىر كىشىگە ئايدا 133 يۈەن كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ.

  مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىنى ئەمەلىي ئېلىش سوممىسى ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا، ئاۋۋال ‹‹ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندى كەم قىسمىنى تولۇقلاپ بەرگەندىن كېيىن، يەنە بۇ قېتىمقى تەڭشەش ئۆلچىمى بويىچە تەمىناتى تەڭشىلىدۇ.

  تەڭشەش دائىرىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشتا يارىلانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا تايىنىش دەرىجىسىگە ئاساسەن، تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن پۈتۈنلەي چىقالمايدىغان ھەر بىر كىشىگە ئايدا 126 يۈەن، تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن تولۇق چىقالمايدىغان ھەر بىر كىشىگە ئايدا 99 يۈەن، تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن قىسمەن چىقالمايدىغان ھەر بىر كىشىگە ئايدا 78 يۈەن كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ.

  تەڭشەش دائىرىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشتا قازا قىلغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىۋاتقان تۇغقانلىرىغا بېرىلىدىغان نەپىقە پۇلى جورىسى بولسا ئايدا 103 يۈەن، باشقا بېقىۋاتقان تۇغقىنى بولسا ھەر بىر كىشىگە ئايدا 70 يۈەن كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ، ئىگە – چاقىسىز ياشانغان كىشى ياكى يېتىم بالا بولسا، ھەر بىر كىشىگە ئايدا يۇقىرىدىكى ئۆلچەم ئاساسىدا 42 يۈەن كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى