تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹يىرىك پىلان›› تۈزۈپ، ‹‹بىر يادرو، ئىككى قانات››لىق رايون خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

  مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى(2016 – يىلىدىن 2030 – يىلىغىچە)›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹يىرىك پىلان›› دەپ ئېلىندى)نى مۇزاكىرە قىلىپ بېسىپ تارقىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزىنى پىلانلاشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى.

  ‹‹يىرىك پىلان››دا رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يەنى ‹‹بىر يادرو، ئىككى قانات››لىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى رايون خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلىدۇ، ئۈرۈمچى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ مەركىزىي رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ، قەشقەر بىلەن قورغاس ئايرىم – ئايرىم يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ ئىككىلەمچى مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. ‹‹بازار يېتىشتۈرۈش، ئاپپاراتلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مەھسۇلات ھەم مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كۈچەيتىش›› ئاساسىي يول قىلىنىپ، ئىقتىدارى مۇكەممەل، شىنجاڭنى مەۋقە قىلغان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرنى قاپلايدىغان رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى بەرپا قىلىنىدۇ.

  ‹‹يىرىك پىلان››دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2030 – يىلىغا بارغاندا جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ئورتاق قاتنىشىدىغان، بىرقەدەر كۈچلۈك سودا، باھا بېكىتىش، ئۇچۇر ئىقتىدارى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە پۇل مۇئامىلە بازىرى سىستېمىسى؛ كۆپ قاتلاملىق، كەڭ دائىرىلىك، ئىش تەقسىماتى مۇۋاپىق، ئۆزئارا تولۇقلايدىغان پۇل مۇئامىلە تەشكىلىي سىستېمىسى؛ ئىقتىدارى مۇكەممەل، ئۈنۈمى بىرتۇتاش يۇقىرى زامانىۋىلاشقان پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى؛ سىياسەت، قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى تىرەك قىلىش سىستېمىسى مۇكەممەل، كەسپىي تۈرلىرى تولۇق، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، بىرقەدەر كۈچلۈك قوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە پۇل مۇئامىلە، ئادەم كۈچى بايلىقى سىستېمىسى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئىختىساسلىقلىرى مەركەزلەشكەن جاي شەكىللەندۈرۈلىدۇ؛ رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، مەدەنىيەت، پەن – مائارىپ مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزىگە بولغان مۇلازىمەت كاپالىتى رولى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكۈزۈلىدۇ.

  ‹‹يىرىك پىلان››دا يادرولۇق رايون رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىشتىكى تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنىڭ ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە پۇل مۇئامىلە بازىسى بەرپا قىلىش، يادرولۇق پۇل مۇئامىلە مۇھىم ئامىلىنى پائال مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە زورايتىش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنىڭ ئىجادىيلىقىنى ئۆستۈرۈش ۋە پۇل مۇئامىلە خېيىم – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى