تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مەخسۇس تەنتەربىيە،گۈزەللىك دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى يېزىلارغا بېرىپ ‹‹ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش››قا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ

مائارىپ مىنىستىرلىقى قوشۇمچە تەنتەربىيە، گۈزەللىك دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئېلان قىلدى 

   مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى››، ‹‹گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ مەكتەپ تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى››، ‹‹گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ مەكتەپ گۈزەللىك تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرى›› قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپلەردىكى قوشۇمچە تەنتەربىيە، گۈزەللىك دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەردىكى قوشۇمچە تەنتەربىيە، گۈزەللىك دەرسى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ‹‹مەكتەپلەردىكى قوشۇمچە تەنتەربىيە، گۈزەللىك دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى›› توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى بېسىپ تارقاتتى.

   ‹‹چارە›› دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قوشۇمچە تەنتەربىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى مەكتەپتىكى تەنتەربىيە دەرسى، دەرستىن سىرتقى تەنتەربىيە پائالىيىتى، دەرستىن سىرتقى تەنتەربىيە  مەشىقى ۋە مۇسابىقىسى، ئالاھىدە تەنتەربىيە ماھارىتى ۋە تۈرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قوشۇمچە ئۆتەشكە تاللاپ تەكلىپ قىلىنىدىغان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ، تاللاپ تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتلىرى باشقا مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى، مەكتەپ سىرتىدىكى مائارىپ ئاپپاراتلىرى، تەنتەربىيە ھەرىكىتى تەشكىلاتلىرى ۋە تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەنتەربىيە خىزمەتچىلىرى بولۇشى؛ قوشۇمچە گۈزەللىك دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى مەكتەپلەرنىڭ گۈزەللىك تەربىيەسى دەرسىنى ئۆتۈش، دەرستىن سىرتقى گۈزەللىك تەربىيەسى پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەنئەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى مەشىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەللىك تەربىيە – ئەمەلىيەت ئىشخانىسىنىڭ ئوقۇتۇشى ۋە قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قوشۇمچە ئۆتەشكە تاللاپ تەكلىپ قىلىنغان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ، تاللاپ تەكلىپ قىلىش ئوبېيكتلىرى باشقا مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى، مەكتەپ سىرتىدىكى مائارىپ ئاپپاراتلىرى، تەشۋىقات – مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە جەمئىيەتتىكى مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى سەنئەت خىزمەتچىلىرى، ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى  قاتارلىقلار ھەم سالاھىيەت شەرتىگە ئۇيغۇن، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنى سېتىۋالىدىغان قوبۇل قىلىش سۇبيېكتلىرى بولۇشى كېرەك.

   ‹‹چارە››دە: مەخسۇس تەنتەربىيە، گۈزەللىك دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى بىلەن، ‹‹ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش›› ئۇسۇلى ئارقىلىق، يېزىلارغا ۋە ئوقۇتقۇچى قىس باشقا مەكتەپلەرگە بېرىپ قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى؛ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى تەنتەربىيە، سەنئەت كەسپى ئوقۇتقۇچىلىرى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى؛ مەكتەپلەر ئېلىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – سەنئەت مىراسلىرى تۈرى ئوقۇتۇشى ۋە يېتەكچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ تەكلىپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى؛ قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياخشى بولغان ئىدىيەۋى – سىياسىي ساپا ۋە ئەخلاق – پەزىلەتكە ئىگە بولۇشى، قانۇن – ئىنتىزامغا، كەسىپ ئەخلاق ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىدىغان، بىر قەدەر يۇقىرى بولغان تەنتەربىيە، سەنئەت كەسپىي ماھارەت سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇشى، ئوتتۇرا دەرىجىدىن يۇقىرى كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇشى، يېشى 65 تىن تۆۋەن بولۇشى تەلەپ قىلىندى.

   ‹‹چارە›› دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: قوشۇمچە تەنتەربىيە، گۈزەللىك دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىشتا جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك، جەمئىيەتتىن ئاشكارا تەكلىپ قىلىش، ھۆكۈمەت مۇلازىمەت سېتىۋېلىش قاتارلىق كۆپ خىل يوللاردىن پايدىلىنىپ، ئاشكارا، ئادىل بولۇش، ئەلالىرىنى تاللاش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تەكشۈرۈش، تاللاش، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تەرتىپىنى چىڭىتىش كېرەك. قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلار ئىش ئورنىغا چىقىپ دەرس ئۆتۈشتىن ئاۋۋال، مەكتەپلەر ئۇلارنى مائارىپ نەزەرىيەسى، پەن دەرسى ۋە ئوقۇتۇش مېتودى، مائارىپ قانۇن – نىزاملىرى ھەم  مەكتەپ قائىدە – تۈزۈملىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەربىيەلىشى كېرەك.

   ‹‹چارە›› دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساس قىلىش، قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلار ئارقىلىق تولۇقلاش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قوشۇمچە تەنتەربىيە، گۈزەللىك دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ كۈچەيتىپ، قوشۇمچە تەنتەربىيە، گۈزەللىك دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مەكتەپلەرنىڭ قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، مەكتەپلەرنىڭ قوشۇمچە تەنتەربىيە، گۈزەللىك دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى بايلىقى ئامبىرى قۇرۇپ، رايون ئىچىدىكى قوشۇمچە تەنتەربىيە، گۈزەللىك دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ سەپلىشى ۋە باشقۇرۇشى كېرەك.


‹‹جۇڭگو مائارىپ گېزىتى››دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى