مۇخبىرىمىز رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپ (مەخسۇس كۇرس)لەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، رايونلارنىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى، جەمئىيەتنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان جىددىي ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، 2018 – يىلىدىن باشلاپ 56 كەسىپنى يېڭىدىن كۆپەيتىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپ (مەخسۇس كۇرس)لەر يېڭىدىن 67 كەسىپنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە سۇنغان، ئاپتونوم رايون بۇنىڭ ئىچىدىكى شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى سۇنغان ‹‹سانائەت ماشىنا ئادەم تېخنىكىسى›› قاتارلىق 40 كەسىپ ۋە ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى سۇنغان ‹‹رەقەملىك مېدىئا تېخنىكىسى›› قاتارلىق بەش يىللىق تۈزۈمدىكى 16 كەسىپنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن. يېڭى قوشۇلغان كەسىپلەر ئىچىدە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش تېخنىكىسى، چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى ۋە ئۇنى قوللىنىش، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش، ياشانغانلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش، قوللىنىشچان چەت ئەل تىلى قاتارلىق كەسىپلەرمۇ بار بولۇپ، بۇ كەسىپلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.