تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

گۇما ناھىيەسى مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتتى

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇرباننىياز قاسىم خەۋەر قىلىدۇ: گۇما ناھىيەسى قىش كىرگەندىن بۇيان، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىنىڭ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش – باشقۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، ساغلام قانات يايدۇرۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

   بۇ ناھىيە يېزا – بازارلاردىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنى ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كونكرېت بىخەتەرلىك خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ چىقىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلىدى. مەكتەپ ۋە يەسلىلەر بىخەتەرلىككە ئائىت يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىش بويىچە ھەپتىدە بىر قېتىم مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزەتتى. يېتەرلىك خىراجەت ئاجرىتىپ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ توك يوللىرىنى، ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ، تولۇقلىدى. تۈرلۈك شەكىل بىلەن تەشۋىقات ۋە مانېۋىر پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يەر تەۋرەش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈردى. مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ مەكتەپ ئەتراپىدىكى يېمەك – ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۇكان، تىجارەت سورۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ۋاقتى ئۆتكەن، زاۋۇت ئادرېسى، مال كىرگۈزۈش ئىسپاتى ئېنىق بولمىغان يېمەكلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ساغلام ئىستېمال مۇھىتى يارىتىپ بەردى. مەكتەپلەردە 50 مەيدان (قېتىم) دىن ئارتۇق قانۇن – تۈزۈم، بىخەتەرلىك لېكسىيەسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن – تۈزۈم، بىخەتەرلىك ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى