تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

توقسۇ ناھىيەسىدىكى كەنت تارىخىي كۆرگەزمە ئۆيلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسىغا ئايلاندى

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەمەت تۇراپ خەۋەر قىلىدۇ: توقسۇ ناھىيەسى بۇ يىل ناھىيە بويىچە 55 كەنتتىكى كەنت تارىخىي كۆرگەزمە ئۆيىدىن پايدىلىنىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، گۈزەل ئەتىنى بەرپا قىلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.

   ئىچئېرىق بازىرىغا كەلگىنىمدە، قىزىلنۇر كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 80گە يېقىن ئوقۇغۇچىسى بۇ كەنتنىڭ تارىخىي كۆرگەزمە ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان ئىكەن. كۆرگەزمىخانىغا ئوتىغۇچ، كىرسىن چىراغ، سوقا، ئورغاق قاتارلىق دېھقانچىلىق سايمانلىرى قويۇلغان بولۇپ، بۇلار ئىلگىرى دېھقانلارنىڭ ئېتىزدا ئەمگەك قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى ئەسلەتسە، چىغرىق، رەڭسىز تېلېۋىزور، رادىيو قاتارلىقلار دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ بۇرۇنقى تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىقىنى، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى ئەسلىتەتتى. كۆرگەزمە ئۆيىنىڭ تېمىدا كەنتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇرۇنقى ئومۇمىي كۆرۈنۈشى ۋە كەنتنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان سۈرەتلەرمۇ بار ئىدى.

   قىزىلنۇر كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئادىل رەھمەت مۇنداق دېدى: بىز كەنتتىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تارىخىنى نامايان قىلىپ، ئەۋلادلىرىمىزنى ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، گۈزەل ئەتىنى بەرپا قىلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كەنتتە تارىخىي كۆرگەزمە ئۆيى قۇرۇپ، ئۇنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسىغا ئايلاندۇردۇق. ھازىر كەنتىمىزنىڭ كۆرگەزمە ئۆيىنى زىيارەت قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.

   بۇ ناھىيە جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۈي شەھىرىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 23 مىليون يۈەننى قولغا كەلتۈرۈپ، ناھىيە بويىچە 55 كەنتتە كەنت تارىخىي كۆرگەزمە ئۆيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئۆيىدىن 55 نى قۇرۇپ، كەنتلەرنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، دېھقانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيتتى.

   جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۈي شەھىرىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى لو يۈنچيەن مۇنداق دېدى: بىز توقسۇ ناھىيەسىگە مەدەنىيەت جەھەتتە ياردەم بېرىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ناھىيەنىڭ ئاساسىي قاتلامدا بىر تۈركۈم زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت سورۇنى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى