14-دېكابىر، ئۈرۈمچى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا ئەركىن چاڭغا تېيىلىش بويىچە بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش دۇنيا چېمپىيونى چېڭ شۇاڭ (ئالدىدا) بالىلارغا باشلامچىلىق قىلىپ بەدەن قىزىتىش ھەرىكىتى ئىشلىمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى بازار ئېچىش بۆلۈمى بىلەن شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «ئولىمپىك ئەزىمەتلىرى ئاممىۋى پاراۋانلىقى مۇلازىمەت ھەرىكىتى» 14-دېكابىر شىنجاڭغا يېتىپ كەلدى. گىمناستىكا تۈرى بويىچە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونى خې كىشىن، ئەركىن چاڭغا تېيىلىش بويىچە بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش دۇنيا چېمپىيونى چېڭ شۇاڭ ۋە ئەركىن چاڭغا تېيىلىش بويىچە قار ئۈستى ماھارىتىدە مەملىكەت بويىچە چېمپىيون بولغان ۋاڭ يۇسېن ئۈرۈمچى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا بالىلار بىلەن بىرلىكتە قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىچە خۇشاللىقىغا جور بولدى. (لى جىڭ فوتوسى)