تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

باسما كىتابلارنى ئوقۇش ئۆگىنىشكە تېخىمۇ پايدىلىق

  ياش – ئۆسمۈرلەر ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ياخشى كۆرىدۇ. كىشىلەر ئېلېكتىرونلۇق كىتابلارنى دەرسلىك كىتابنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىش بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە پايدىلىق، دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەغەز باسما كىتاب بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن.

  تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ئۆگىنىشكە تېگىشلىك مەزمۇن بىر بەتتىن ئېشىپ كەتسە، باسما دەرسلىك كىتاب ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مەزمۇنلىرىنى چۈشىنىشىگە پايدىلىق بولىدىكەن. ئېلېكتىرونلۇق كىتابنى ئوقۇش سۈرئىتى باسما كىتابنى ئوقۇش سۈرئىتىدىن تېز بولىدىكەن. ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق كىتابنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىشى باسما كىتابنى ئوقۇغاندىكىگە يەتمەيدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب ئۇزۇنراق مەزمۇنلارنى كۆرۈشتە ئېكراننى پات – پات دومىلىتىپ كۆرۈنۈش ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەچكە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى مەزكەزلەشتۈرۈشىگە پايدىسىز بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئوقۇشنىڭ مەقسىتى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بەزى ئوقۇشلاردا ماتېرىيالنىڭ ھەممە مەزمۇنىنى ئەتراپلىق ئىگىلەشكە توغرا كەلسە، يەنە بەزى ئوقۇشلاردا ماتېرىيالنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تېز سۈرئەتتە ئىگىلەشكە توغرا كېلىدىكەن، باسما كىتاب مەدەنىيەت ئەھمىيىتىگە ئىگە بولۇپ، باسما كىتابنىڭ خاراكتېرى ۋە ئوقۇرمەنلەرگە بېرىدىغان يېقىملىق تۇيغۇنى ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ھەرگىزمۇ بېرەلمەيدىكەن، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئېلېكتىرونلۇق كىتابلارنىڭ تەرەققىياتى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، باسما كىتاب ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئەھمىيىتىنى يوقاتمايدىكەن.

  ئېرفانجان ياسىن تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى