تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

يەر شارى مىكرو مۇز دەۋرىگە كىرىشى مۇمكىن

  ئالىملارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىغاندا، قۇياش ھەرىكىتىنىڭ ‹‹ئۇيقۇ مەزگىلى››گە كىرىشىگە ئەگىشىپ، 15 يىلغا سوزۇلىدىغان مىكرو مۇز دەۋرى كەلگۈسى تۆت يىل ئىچىدە شىمالىي يېرىم شارغا يېتىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  نەتىجىدە ئىنتايىن سوغۇق ھاۋارايى كۆرۈلۈپلا قالماستىن يەنە يەر تەۋرەش ۋە يانار تاغ پارتلاش قاتارلىق ھادىسىلەرمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكا فىلورىدا ئالەم بوشلۇقى ئىلمىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇياش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيقۇ مەزگىلى بىلەن يەر تەۋرەش ئارىسىدا ناھايىتى زىچ باغلىنىش بولىدىكەن. بۇ تەتقىقاتتا 1650~ 2009 – يىللار ئارىلىقىدىكى يانار تاغ ھەرىكىتى ۋە يەر تەۋرەش ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلىپ ھەم قۇياش قارا دېغىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ، قۇياش ھەرىكىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن تارىختىكى يانار تاغ ۋە يەر تەۋرەش ھادىسىلىرى ئارىسىدىكى باغلىنىش ئېچىپ بېرىلگەن. ياپونىيە ئالەم نۇرلىرى تەتقىقات مەركىزى ياپونىيەدىكى تۆت يانار تاغنىڭ ئۆتكەن 306 يىل ئىچىدىكى 11 قېتىملىق پارتلىشىنى تەتقىق قىلىپ، بۇلارنىڭ توققۇز قېتىملىقىنىڭ قۇياش ماگنىت مەيدان ھەرىكىتى ئاجىزلاشقان مەزگىللەردە يۈز بەرگەنلىكىنى بايقىغان. ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كۆزەتكىلى بولىدىغان قۇياش قارا داغلىرىنىڭ سانى كەلگۈسى بىرنەچچە يىلدا داۋاملىق ئازىيىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەتتا ھېچنىمە قالمايدىكەن، 2020 – يىلىدىن باشلاپ 15 يىل داۋاملىشىدىغان مىكرو مۇز دەۋرى باشلىنىدىكەن.

  كېرەمجان ئىبراھىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى