تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ياپونىيە ئالىملىرى راك كېسىلىنى ئالدىن بايقىغىلى بولىدىغان تېخنىكىنى كەشىپ قىلدى

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا بىر خىل ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاز مىقداردىكى سۈيدۈك تەركىبىدىن كۆپ خىل مىكرو RNA (رىبو يادرو كىسلاتاسى)نىڭ بىنورماللىق ئەھۋالىنى ئۆلچىگىلى بولىدىكەن. بۇ تېخنىكا ئارقىلىق بىمارلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى ئالدىن بايقىغىلى بولىدىكەن.

    ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتى، كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ياپونىيە دۆلەتلىك راك كېسىلى تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا « ئىلىم - پەن تەرەققىياتى » ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى تور نۇسخىسىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئېيتىشىچە، ئادەم بەدىنىدە كۆپ خىل مىكرو RNA (رىبو يادرو كىسلاتاسى) بار بولۇپ، ھازىرغىچە 2000 دىن ئارتۇق كۆپ خىل مىكرو RNA (رىبو يادرو كىسلاتاسى) بايقالغان. مىكرو RNA (رىبو يادرو كىسلاتاسى)نىڭ ھاياتلىق فۇنكسىيەسىنى تەڭشەش رولى بار بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتتا، راك كېسىلى بىمارلىرى ۋە ساغلام كىشىلەرنىڭ سۈيدۈكى تەركىبىدىكى مىكرو RNA (رىبو يادرو كىسلاتاسى)نىڭ پەرقى بار، لېكىن بۇنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى يوق، دېيىلگەن.

    ھازىرقى تېخنىكا سەۋىيەسىدە پەقەت 200 خىلدىن 300 خىلغىچە مىكرو RNA (رىبو يادرو كىسلاتاسى)نى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدىكەن. بىراق، تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر نانو ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ بىر خىل يېڭى ئۆلچەش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىپ چىققان بولۇپ، بۇ تېخنىكىدا بىر مىللىلىتىر سۈيدۈك تەركىبىدىن تەخمىنەن 1000 خىلدىن ئارتۇق مىكرو RNA (رىبو يادرو كىسلاتاسى)نى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدىكەن.

    تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ خىل تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ سۈيدۈك تەركىبىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بەزى ئالاھىدە مىكرو RNA (رىبو يادرو كىسلاتاسى)نىڭ نورمالسىز كۆپىيىپ قېلىش ياكى ئازىيىپ كېتىش ئەھۋالىنى بايقىغان. بۇ ئەھۋاللار ئۆپكە راكى، جىگەر راكى، دوۋساق راكى، مەزى بېزى راكى قاتارلىق راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، سۈيدۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق راك كېسىلىنىڭ بىئولوگىيەلىك بەلگىلىرىنى بايقىغىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى