ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 15-دېكابىر قورغاس تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا قورغاس رايونىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى 100 مىلياردلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 100 مىليارد 356 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %28.89 ئاشقان.
قورغاس تاموژنىسى ئۇنىۋېرسال كەسپىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جۇ دۇڭمېينىڭ چۈشەندۈرىشىچە، قورغاس رايونىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، تەبىئىي گازنىڭ ئىمپورت قىلىنىشى سىجىل ئاشقان بولۇپ، ئېكسپورت تاۋارلىرى ئىچىدە ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى مەھسۇلاتلىرى، توقۇلما كىيىم - كېچەكلەر، ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولغان.